لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 24- قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.09.18 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن سانت پېتىربۇرگتا رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 24- قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت، ئوخشاشلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت. بۇ يىل جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام تەرەققىي قىلدۇردى. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە ئېنىقسىزلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشى ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە رايون ھەتتا دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقىمۇ ئىجابىي سىگنال بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ