شى جىنپىڭ خېنەندە خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

زور قوغداشنى ئورتاق چىڭ تۇتۇپ، چوڭ جەھەتتىن ئىدارە قىلىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم

خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.09.20 15:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 18-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن جېڭجۇدا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سۇغا قاراپ بېكىتىشتە، سۇنى ئۆلچەپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىن، قۇرغاق-تارماق ئېقىن، ئوڭ-سول قىرغاقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زور قوغداشنى ئورتاق چىڭ تۇتۇپ، چوڭ جەھەتتىن ئىدارە قىلىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ۋادىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، خۇاڭخې مەدەنىيىتىنى قوغداپ، ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇاڭخې ۋادىسى ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بەلبېغى ۋە مۇھىم ئىقتىسادىي بەلبېغى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم رايون، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش − بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسى بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا ئوخشاش مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدۇر. خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋادىدىكى ئۆلكە، رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پائال مەدەت بېرىپ، ۋادىدىكى خەلق ئاممىسى بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكى، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش − ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ