جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىدا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ھەر ساھە ئامما بىلەن دۆلەت بايرىمى كېچىلىكىنى خۇشال ئۆتكۈزدى

2019.10.02 13:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىللار خۇددى ناخشىغا ئوخشايدۇ، جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇنتۇلغۇسىز بۈگۈنكى كېچىدە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشىنى تىلەيمىز. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىمى كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.

  ئالتۇن كۈزدىكى بېيجىڭدا رەڭگارەڭ پانۇسلار ئېسىلىپ، رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، ھەممە يەر بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. تيەنئەنمېن مەيدانىدىن جىنشۈي كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغىچە بولغان چوڭ تىپتىكى «قىزىل لېنتا» باش تېما قىلىنغان مەنزىرە، يەتتە تۈپ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك نۇرلۇق «ساليوت دەرىخى»، LED چوڭ ئېكرانى، 3000 دىن ئارتۇق «نۇر ئېكرانى» كۆتۈرۈۋالغان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىۋاتقان ئامما ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ يادرولۇق رايونىنى رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى. ئون ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش رايونى چاڭئەن كوچىسى بويىغا تارقالغان بولۇپ، نەچچە ئون مىڭ ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ جۇمھۇرىيەتنى ئالقىشلىدى، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلىدى.

  سائەت 19 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار تيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ رەئىس سەھنىسىگە كېلىپ، نەق مەيداندىكى ئاممىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. مەيداندىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  سائەت 20 دە، تېلېگراف بىناسىدىن لەرزان «شەرق قىزاردى» ناملىق مۇزىكا ئاڭلاندى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شەرقتە جيەنگومېن، غەربتە فۇشىڭمېن قوۋۇقىدىن باشلىنىپ 70 دەستە ساليوت تۈۋرۈكلىرى تەرتىپ بويىچە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، تيەنئەنمېن مەيدانىغا قاراپ يىغىلدى. مەيدان ئاسمىنىدا «70» دېگەن خەت شەكلىدىكى ساليوتلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن مەدھىيەلىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

  بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، باش تېما ئويۇنى، مەركىزىي بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى، ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە ساليوت ئويۇنىدىن تەركىب تاپتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ