شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن كۆرۈشتى

2019.10.10 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئۆكتەبىر دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان بىردىنبىر پۈتۈن ھالەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقى باشتىن- ئاخىر بۇزۇلماس، ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم، جۇڭگو-پاكىستان ھەمكارلىقى باشتىن- ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پاكىستاننىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە مۇھىم كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە پاكىستان تەرەپنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ