مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساغلام جۇڭگونىڭ نەپ-پايدىسىنى كەڭ تارقىتىش

2019.09.23 15:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساغلاملىق بەخت مەنبەسى، ھەمدە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدە «جۇڭگو مۆجىزىسى» ياراتتى.

  70 يىل ئىلگىرى، كونا جۇڭگودا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئەھۋالى ئېغىر، خەلقنىڭ تەن ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئاجىز بولغاچقا، غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن «كېسەل كۆرپىسى» دەپ مەسخىرە قىلىناتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز خەلقىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئۈستۈن بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۈمىد ئۆمرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى 35 ياشتىن ھازىرقىدەك 77 ياشقا ئۆرلىدى. جۇڭگونىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە كاپالەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەن ساپاسى ۋە ساغلاملىقى سىجىل كۈچەيدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈلكىسى» دەپ تەرىپلەندى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى مۇقىم ئۆستى. 2018- يىلى مەملىكەت بويىچە ھامىلىدارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، يۈزمىڭ كىشى ئىچىدىن 18.3 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى مىڭدىن 6.1كە چۈشۈپ، بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئۈستۈن تۇردى. ھامىلىدارلارنىڭ بالنىستتا يېتىپ تۇغۇش نىسبىتى %99تىن ئاشتى، شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھېس قىلىش ئىقتىدارى سىجىل ياخشىلاندى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارازىت قۇرتلار كېسىلى، ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، يەرلىك كېسەللىكلەر قاتارلىق كېسەللىكلەر خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغانىدى. 70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ خەلق ئىممۇنىتېت كۈچى پىلانىنى يولغا قويۇپ، چېچەك ۋە فىلارىئوز كېسەللىكى، ئەما تراخوما قاتارلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوقىتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، يۇلۇن سۇر ماددىسىنىڭ ياللۇغى بولماسلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىر تارقىلىش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش سىستېمىسى، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش تۈزۈمى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2009- يىلى ئېلىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورىنى قۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇردى؛ ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، شەخسىي سەھىيە چىقىمىنىڭ سەھىيە ئومۇمىي خىراجىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل تۆۋەنلىدى؛ دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى؛ «ئالاقە تورى + داۋالاش» جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، «بارماق ئۇچىدىكى دوختۇرخانا» ھەممە يەرنى قاپلىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىنى باشتىن-ئاخىر ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تىرىشىپ ھەر تەرەپلىمە ۋە ئەتراپلىق كاپالەتلىك قىلىپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن خەلقنى ساغلام جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا يېتەكلىدى. ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ساغلاملىقى زور دەرىجىدە ئاشتى، چوڭ تازىلىق، چوڭ ساغلاملىق ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ساغلام جۇڭگونىڭ نەپ-پايدىسى ھەممە ئائىلىلەرگە تەگدى. 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنى ئېچىلدى. 2016- يىلى 10- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن «"ساغلام جۇڭگو 2030" يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. 2019- يىلى 7- ئايدا، «گوۋۇيۈەننىڭ ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە «ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى (2019-2030- يىللىق پىلانى)» ئېلان قىلىنىپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىدە ئېنىق «يول خەرىتىسى» بارلىققا كەلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ. ساغلاملىق ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشى. بىر ئادەمنىڭ ساغلاملىقى پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ ساغلاملىقى بولسا، دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقتا گۈزەل تۇرمۇشقا چەكسىز ئىنتىلىۋاتقان مىليونلىغان خەلق ھازىر ساغلام جۇڭگونىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم تاشلىماقتا !

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ