دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىكى تەبرىك تېلېگراممىلىرى
شى جىنپىڭ بىلەن بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، چېخ، سلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە ۋە پولشادىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى ئارا تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئەۋەتىلدى
لى كېچياڭ بىلەن ئالتە دۆلەت زۇڭلىلىرى ئارا تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئەۋەتىلدى
2019.10.08 15:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئۆكتەبىردىن 7- ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، چېخ، سلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە ۋە پولشادىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى ئارا تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئەۋەتىلدى، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو بىلەن بۇ ئالتە دۆلەت ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەندى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئالتە دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ ئالتە دۆلەت بولسا، يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ۋە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر تۈركۈم دۆلەتلەردۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بۇ ئالتە دۆلەت بىلەن پىرىنسىپتا، يەنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك بۇ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ۋە بۇ ئالتە دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. نۆۋەتتە، يۇقىرى قاتلاملار بويىچە قوش يۆنۈلۈشلۈك ئالاقە قويۇقلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى مول مېۋە بەردى، ئادىمىيەت ئالاقىسى مول مەزمۇنلۇق بولدى. يېڭى دەۋردە، جۇڭگونىڭ بۇ ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېڭى ۋە تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالغا دۇچ كەلمەكتە. مەن بۇ ئالتە دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەمدە بۇ ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ