شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى

2019.10.02 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

  (2019-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى)

  شى جىنپىڭ

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداشلار،

  يولداشلار، دوستلار:

  بۈگۈن بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. مۇشۇ پەيتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى چەكسىز خۇشال كەيپىياتتا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن پەخىرلەنمەكتە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە چىن دىلىدىن بەخت تىلىمەكتە.

  مەن بۇ يەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان بارلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ۋە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەرقايسى ئەللەردىكى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  70 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى. بۇ ئۇلۇغ ۋەقە يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى 100 نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىز، كىشىلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان تەقدىرنى ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۇلۇغۋار يولغا قەدەم قويدى.

  70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ھېچقانداق كۈچ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

  يولداشلار، دوستلار!

  ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

  ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي قىياپىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  يولداشلار، دوستلار!

  جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەت تارىخىغا يېزىلغان، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى داۋاملىق ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ياشىسۇن!

  ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن!

  ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى ياشىسۇن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ