مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئاۋمېندىكى ياشانغان پېنسىيونېرلارغا جاۋاب خەت يېزىپ ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارغا چۇڭياڭ بايرىمىلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى

2019.10.08 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، يەنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ھېسابلىنىدىغان چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېن قوشنىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ يىجۈن مەركىزى ياشانغانلار خالىسانە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ياشانغان 30 كىشىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى، ھەمدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارنىڭ ساغلام ياشىشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى كۆرۈپ، ئون يىل ئىلگىرى ئاۋمېندا كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەن مەنزىرىنى ئەسلەپ قالدىم. سىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ جامائەت پاۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىپ، تۇرمۇشىڭلارنى مەنىلىك ۋە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقىنىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىلەر يېڭى جۇڭگونىڭ بىر ئەۋلاد كىشىلىرى سۈپىتىدە، دۆلەتنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەندىزىسىنىڭ ئاۋمېندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى باشتىن كەچۈردىڭلار. سىلەر يەنە ئۆزۈڭلارنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىڭلاردىن پەخىرلىنىدىغانلىقىڭلارنى نامايان قىلدىڭلار. مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ يۈرەك ساداسى. مەن شۇنى ئۈمىد قىلماقتىمەنكى، سىلەرنىڭ ياشانغاندىمۇ رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق نۇر چېچىپ، ئاۋمېندىكى ياشلارغا ئاۋمېننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزگىللىرىگە ئائىت ھېكايىلىرىنى كۆپرەك سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئاۋمېننى سۆيۈش روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەيسىلەر، ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېندىن تەركىب تاپقان چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئاۋمېننى قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەيسىلەر.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ