مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتقا قاتناشقان بارلىق خادىملارنى تەقدىرلىدى

2019.10.02 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئومۇمىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتقا قاتناشقان بارلىق خادىملارنى تەقدىرلىدى.

  تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كاتتا پائالىيىتىدە، پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملار جۇمھۇرىيەت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەيۋەتلىك قۇدرەتلىك سەپ، كۆتۈرەڭگۈ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يېپيېڭى سالاپەت، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى شەرەپ بىلەن قوبۇل قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان بىر مەيدان ھەربىي پارات مۇراسىمىنى تەقدىم قىلدى. پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنىڭ قالتىس ئىپادىسى خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا مەڭگۈ بويسۇنىدىغان روشەن مەيدانىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، مىللىي روھنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ