مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىدىكى ھىيلە-مىكىرلىرى پۈتۈنلەي بىھۇدە ئۇرۇنۇشتۇر

2019.10.10 13:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 9- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىدىكى ھىيلە-مىكىرلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى قىلچە تەۋرىتەلمەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي بىھۇدە ئۇرۇنۇشتۇر.

  شۇ كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئاتالمىش شىنجاڭغا چېتىشلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دېگەننى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ 28 ئەمەلىي گەۋدىسىگە ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چەكلىمە قويۇپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى «تۇتۇپ تۇرۇش» ياكى «خورلاش»تا جۇڭگونىڭ جاۋابكارلىقى بار، دەپ قاراپ، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشتەك چەكلىمىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا چېتىشلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دېگەننى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ 28 ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت باشقۇرۇش ئەمەلىي گەۋدىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن كەسكىن سۆزلىشىش پوزىتسىيىسىنى ھەمدە كەسكىن مەيدانىنى ئامېرىكىغا بىلدۈردى. مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتەيكى، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىدۇر، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. شىنجاڭدىمۇ ئامېرىكا تەرەپ كۆرسەتكەن ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكا تەرەپ مەيلى قانداق باھانە بىلەن شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە خادىملىرىغا چەك قويسۇن، ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنىڭ مەقسىتى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورىزمنىڭ پەيدا بولۇشىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشتى. ئامېرىكا تەرەپ ئەگەر مۇشۇ پاكىتلارغا پەرۋا قىلماي، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ جۇڭگوغا ھەدەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قەستەنلىك بىلەن باھانە تېپىپ ئارىلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا كاشىلا تېپىپ، جۇڭگونىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلسا، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رەزىل نىيىتىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتىشىگە ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ خىل نەيرەڭلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى قىلچە تەۋرىتەلمەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي بىھۇدە ئۇرۇنۇشتۇر.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىنى خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىپ، ئالاقىدار قارارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو داۋاملىق تۈردە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ