مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن جايلاردا كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان ياشانغانلارنى پەرزەنتلىرىنىڭ مائاش ئېلىپ پەرۋىش قىلىشىغا ئىجازەت بېرىلدى

بۇ سىياسەتتىن پايدىلاندىڭىزمۇ؟

2019.10.11 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، «يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنداق بەلگىلەندى: ياشانغانلار كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، پەرزەنتلىرىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى قوللىشى، يالغۇز پەرزەنتلەرگە ھەر يىلى جەمئىي 20 كۈن، يالغۇز بولمىغان پەرزەنتلەرگە ھەر يىلى 10 كۈن خەۋەر ئېلىش ۋاقتى بېرىشى، قاراش مەزگىلىدە نورمال خىزمەت مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش مائاش تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.

  نۆۋەتتە، 10 نەچچە ئۆلكە يۈننەنگە ئوخشاش ياشانغانلار كېسەل بولغاندا پەرزەنتلەر مائاش ئېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى. لېكىن تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ئىجرا قىلىش تەپسىلىي قائىدىسى كەمچىل بولۇش، قاتتىق چەكلەش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، بەزى جايلاردا كېسەل بولغان ياشانغانلارنى مائاش ئېلىپ تۇرۇپ پەرۋىش قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تەس بولۇۋېتىپتۇ.

  كۆپ جايلار مائاشلىق پەرۋىش قىلىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بەزى جايلاردا ھەر يىلى 20 كۈن قىلىپ بېكىتىلدى

  بايقىلىشىچە، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە فۇجيەن، گۇاڭشى، خەينەن، خۇبېي، خېيلۇڭجياڭ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، خېبېي، خېنەن، نىڭشيا، ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، يۈننەن قاتارلىق 13 ئۆلكە، شۇنداقلا گۇاڭجۇ شەھىرى، خۇەيئەن شەھىرى قاتارلىق جايلار يەرلىك نىزام ياكى مەمۇرىي قائىدە-نىزام شەكلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ھەر يىلى ئورۇنداشقا بولىدىغان خەۋەر ئېلىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرغان، شۇنداقلا كۆپىنچە جايلار خەۋەر ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

  جايلاردىكى خەۋەر ئېلىش ۋاقتى ئادەتتە 15 كۈن ئەتراپىدا بولماقتا، خېنەن ئۆلكىسىدە يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ خەۋەر ئېلىش ۋاقتى ھەر يىلى 20 كۈندىن كەم بولماسلىقى بەلگىلەندى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ خەۋەر ئېلىش ۋاقتى ھەر يىلى 20 كۈن بولۇشى بەلگىلەندى.

  ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سىچۈەن، خېيلۇڭجياڭ، نىڭشيا، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا يەنە يالغۇز بولمىغان پەرزەنتلەرنىڭمۇ مائاش ئېلىپ خەۋەر ئالسا بولىدىغانلىقى، خەۋەر ئېلىش ۋاقتىنىڭ يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭكىدىن سەل قىسقا بولىدىغانلىقى، لېكىن يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  ھەرقايسى ئۆلكىلەردە، پەرزەنتلەرنىڭ مائاشلىق خەۋەر ئېلىشى «ياشانغانلار كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان مەزگىلدە» بولۇش شەرتىنى قاندۇرۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ بەلگىلىمىسى بىر قەدەر قاتتىق بولۇپ، «ياشانغانلار كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىش مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماسلىق» شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشنى تەلەپ قىلدى، چۇڭچىڭدا يەنە «ياشانغانلار كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىدىغان ھەمدە 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پەرۋىش قىلىشقا توغرا كەلگەندە» دېگەن شەرتنى بەلگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ