مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ نېپال تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

ھىمالايانى ھالقىغان دوستلۇقنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەيلى

2019.10.12 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېپالنىڭ «گوركا گېزىتى»، «يېڭىدىن گۈللەنگەن نېپال گېزىتى» ۋە «كانتىپۇر گېزىتى»دە «ھىمالايانى ھالقىغان دوستلۇقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە تۆۋەندىكىچە:

  ھىمالايانى ھالقىغان دوستلۇقنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەيلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  زۇڭتۇڭ باندارىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەن پات ئارىدا دوستانە قوشنا دۆلەت نېپالغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىلەن بارىمەن. گەرچە بۇ مېنىڭ نېپالنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىم بولسىمۇ، لېكىن نېپال ماڭا ناتونۇش ئەمەس. بۇ يەرنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتى مېنى تەلپۈندۈردى. مەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن نېپال رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتىم. مەن بۇ سىرلىق زېمىندا نېپاللىق دوستلار بىلەن كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانىنى پىلانلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتكەن. 1600 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگولۇق راھىب فاشيەن بىلەن نېپال راھىبى بۇدا بادرا ئۆز ئارا قارشى تەرەپ دۆلىتىنى زىيارەت قىلغان ۋە ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن بۇددا دىنى كىتابلىرىنى ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلغان ئىدى. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، نىپالنىڭ چى زۈن ئىسىملىك مەلىكىسىمۇ تۈبۈت (ھازىرقى زاڭزۇلارنىڭ ئەژدادى)نىڭ زەنپۇسى سۇڭزەن گەنبۇ بىلەن توي قىلغان، يەنە راھىب شۈەنزاڭ ساكيامۇنىنىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى دىرامبىنىغا كىلىپ زىيارەت قىلغان ھەمدە قىممەتلىك يازما خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە نېپالنىڭ داڭلىق ھۈنەرۋەن ئانىگو ھۈنەرۋەنلەرنى جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىپ، بېيجىڭ مياۋيىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئاق مۇنار قاتارلىق ئىمارەتلەرنى سېلىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. مانا مۇشۇنداق دوستانە پاراڭلار ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد سىرداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بەردى. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ