شى جىنپىڭ نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى پراچاندا بىلەن كۆرۈشتى

2019.10.14 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13- چېسلا كاتماندۇدىكى ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى پراچاندا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس پراچاندا نېپالنىڭ نوپۇزلۇق سىياسىيونى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى دوستى، قەدىناس دوستى بولۇپ، جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇلتۇر سىز زۇڭلى ئوللې بىلەن سىياسىي قارار چىقىرىپ، نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بىرلىشىپ قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلىدىڭىز. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، مۇناسىۋىتى چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن. جۇڭگو نېپالنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئۇزاققىچە قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، نېپال بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نېپالنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ .

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ