شى جىنپىڭ كاتماندۇدا زۇڭتۇڭ باندارى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى
2019.10.14 14:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 12- چېسلا كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كاتماندۇدا نېپال زۇڭتۇڭى باندارى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى. نېپالنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پۇئېن، زۇڭلى ئوللې، باش سودىيە رانا، فېدېراتسىيە پارلامېنتى فېدراتسىيە پالاتاسىنىڭ رەئىسى دىمىرسىنا، بارلىق ئىچكى كابېنت ئەزالىرى، ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ داھىيلىرى، كۆپ پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، سابىق سىياسىي ئەربابلار ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ