مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىڭىز قىزىپ قالسا سەل قارىماڭ، باكتېرىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغىدىن ھوشيار بولۇڭ !

2019.10.16 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىچىك بالىلار قىزىپ قالغاندا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىسىنى زۇكام بولۇپ قالدى، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، پەقەت زۇكاملا كىچىك بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، نۇرغۇن كېسەللەر قىزىتما مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ كېسەللەر باكتېرىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا، باكتېرىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك ؟

  مېڭە پەردە ياللۇغى بولسا، مېڭە ۋە يۇلۇننىڭ قوغداش پەردىسىدە ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىكى بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. مېڭە پەردە ياللۇغى ئادەتتە ۋىرۇس، باكتېرىيە، تۇبېركۇليوز باكتېرىيىسى قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇلار باكتېرىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغى، ۋىرۇسلۇق مېڭە پەردە ياللۇغى، زەمبۇرۇغلۇق مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە تۇبېركۇليوز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى، دەپ ئايرىلىدۇ. مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى قىزىش، باش ئاغرىش، قۇسۇش، بويۇن قېتىشىش ۋە ئاڭ توسالغۇسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزى بىمارلاردا ھەتتا روھىي نورمالسىزلىق، تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، باكتېرىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بالىلار باكتېرىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغى بەش ياش ئىچىدىكى بالىلاردا، بولۇپمۇ بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك قوزغىلىدىغان يۇقىرى خەتەرلىك ئامىللار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى ياكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تورمۇزلاش، تاشقى زەخىملىك ياكى تۇغما ئانالىتىك قۇرۇلما كەمتۈكلۈكى (تېرە-تۈك كاۋىكى، مېڭە - يۇلۇن سۇيۇقلۇقى قۇلاق ئاقمىسى ياكى بۇرۇن ئاقمىسى)، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئالاقىدار ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باكتېرىيىلىك مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قوزغىلىدىغان بولۇپ، قىزىش، روھىي ھالەت ۋە ئاڭ ئۆزگىرىشى، قۇسۇش، بويۇن قېتىپ قېلىش ۋە تارتىشىپ قېلىش قاتارلىقلار ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە باش ئىچى بېسىمى ئۆرلەپ كەتسە، بىمارنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش ۋە نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  ئۇنداقتا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا-ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەر بار:

  1.مېڭە پەردە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىر ۋاكسىنا ئەملەش؛

  2. تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقاپ، سىرتقا چىققاندىن كېيىن بۇرۇن بوشلۇقى ۋە ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش؛

  3.بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ۋە ساغلام ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار.

  ئاخىرىدا، ھەر قايسى ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بىمار قىزىپ كەتكەندە ياكى ئېڭى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا، ۋاقتىدا كەسپىي دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا تولۇق ماسلىشىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ