مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولى تېپىپ چىقىلدى

2019.10.15 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىي ھوقۇققا باشتىن-ئاخىر ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىق پىرىنسىپى بىلەن ھازىرقى زامان ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، روشەن جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. مۇشۇ يولنى بويلاپ خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردۇق؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، مۇھىت قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق كاپالىتى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈردۇق. يېقىندا، ئامېرىكا ئاتالمىش شىنجاڭغا چېتىشلىق ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە خادىملىرىغا چەك قويدى. بۇ، پاكىتقا پىسەنت قىلماسلىق، يامان غەرەزدە بولۇش بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى قىلچە تەۋرىتەلمەيدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى قىلچە تەۋرىتەلمەيدۇ.

  جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولى خەلقنى مەركەز قىلغان ئىنسانىي ھوقۇق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ غوجايىن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلقنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇققا تىرىشىپ ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلىدۇ. خەلقنى مەركەز قىلغان ئىنسانىي ھوقۇق ئىدىيەسى جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مېغىزىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ قىممىتى، ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقى، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنى قوغداشنى تەكىتلەيدۇ. ئەمەلىيەت داۋامىدا، بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى پۈتكۈل خەلقنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تولۇق ئىنسانىي ھوقۇقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش بولۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنى ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ۋە بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ چىنلىقى ۋە كەڭلىكىنى نامايان قىلدى.

  جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئايرىلماس، ئۆزئارا باغلىنىشلىق ھوقۇق سىستېمىسى ئىكەنلىكى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى باشچىلىقىدىكى ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، تۈرلۈك ئىنسانىي ھوقۇقلارغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، مۇھىت قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى.

  جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، قانۇن، سىياسەت، ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ۋە ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش ئارقىلىق ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى كۈچەيتىلدى. بىز ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتىنى قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ، ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتىنى ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھالقىلارغا سىڭدۈرۈپ، مۇكەممەل ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتى قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە تېخىمۇ تولۇق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  بىز ئىسلاھاتنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلىدۇق؛ قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق؛ تۈرلۈك زىددىيەت-ماجىرالارنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ھوقۇق- مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش داۋامىدا ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، خەلق تولۇق ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتۇق؛ ئىنسانىي ھوقۇققا قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى سالمىقى، كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى. جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولى جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ.

  (ئاپتور: ۋاڭ شىگېن، ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى چاڭجياڭ ئالىملىرى تەكلىپلىك پىروفېسسورى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ