مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

2019.10.16 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15- چېسلا تەكلىپكە بىنائەن فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ ماكروننىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن تەبرىك خەت ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى يېڭى جۇڭگوقۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن ياردەم ۋە مەدەتلەرنى بەردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ