خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئۆكتەبىر جۇڭگو-موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەت، موڭغۇلىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت دوستلۇق ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. مەن جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ باتتۇلگا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ