مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوڭدىسىغا ياتقاندا، بەدەن ئەڭ ئازادە بولىدۇ

2019.10.16 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېتەرلىك ئۇيقۇ ئومۇمىي ساغلاملىقنى ياخشىلاپ، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم ساغلاملىقىغا بولغان كۆپ خىل يوشۇرۇن خەۋپتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بېسىم ۋە ياللۇغنى يېنىكلىتىپ، كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە-يەتتە سائەتتىن ئاز بولغانلارنىڭ كۆپ خىل سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

  يېقىندا ئامېرىكا «مېدىتسىنا گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر ئامىل بولمىسىمۇ، ئۇخلاش ھالىتىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىكەن. ئۇخلاش ھالىتى توغرا بولمىسا، ئادەمگە بالدۇر قورۇق چۈشۈپلا قالماستىن، يەنە ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش، يۈرەك قىزىش، قان ئايلىنىش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، قورساق ئاغرىش، دۈمبە، بوينى ئاغرىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خىل ئۇخلاش ھالىتى سالامەتلىككە تۆۋەندىكىدەك تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  بىرىنچى، ئوڭدىسىغا يېتىش. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت %8 كىشىلا بۇ خىلدا ئۇخلايدىكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۇيقۇ فوندى جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوڭدىسىغا يېتىش ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ساغلام تاللاش ئىكەن. ئوڭدىسىغا ياتقاندا ئادەمنىڭ بېشى، بوينى ۋە ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بىر تال ئوتتۇرا سىزىقتا بولۇپ، تولغىشىپ ياكى قىيسىيىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، بەدەننىڭ كېچىدە تولۇق ئارام ئېلىشىغا پايدىلىق ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوڭدىسىغا يېتىش يەنە بەدەننىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىشىدىن ساقلايدىكەن. ئەمما، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش كېسىلى بىمارلىرى بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتىنى قوللانماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئوڭدىسىغا ياتقاندا يۇتقۇنچاق-كېكىردەك قىسمى بوشىشىپ، تىلى كەينىگە قايرىلىپ، نەپەس يولى توسۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئۇخلاش نەپەس ئېلىشى قىيىن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك.

  ئىككىنچى، يانچە يېتىش. يانچە يېتىش ئۇخلىغاندا نەپەس ئېلىش ۋاقىتلىق توختاپ قالىدىغان بىمارلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى. بۇنداق كىشىلەرگە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئۇخلاش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئۇخلىغاندا يۈرەكنى بېسىۋالمايدۇ. يانچە ياتقاندا ياستۇقنىڭ مۈرىگە يېتەرلىك تىرەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياستۇق بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، باش قىسمى تۆۋەنگە قىيسىيىپ قالىدۇ؛ بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە، بويۇن سوزۇلۇپ كېتىدۇ. يانچە يېتىشنىڭ تېخىمۇ راھەت بولۇشى ھەمدە بەدەنگە بولغان بېسىمنىڭ ئىمكانقەدەر ئازايتىلىشى ئۈچۈن، ئىككى تىز ئارىسىغا بىر تال ياستۇق قىستۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ، پۇت بىلەن ساغرىسى ئارىسىدا مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىغاندا، بەل ۋە دۈمبىنى ئازادە قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يان يۈزىنى ئۇزۇن مۇددەت ياستۇققا بېسىپ ياتقاندا، قورۇق سىزىقچىلىرى چوڭقۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

  ئۈچىنچى، دۈم يېتىش. كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنداق ھالەتتە ئۇخلاشتىن ساقلىنىشى كېرەك. دۈم يېتىپ ئۇخلاش نەپەس راۋان بولماسلىق، دۈمبە ۋە بويۇن ئاغرىش، ئىچكى ئەزالارنى بېسىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە مۇسكۇل ۋە بوغۇملارنى غايەت زور بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ. ئەتىگەندە ئويغانغاندا، بەدەن ئۇيۇشۇش، سانجىلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلەلمەيدىغان بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئاسانلا تۇنجۇقۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تۆتىنچى، تۈگۈلۈپ ئۇخلاش. بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇخلاش ھالىتى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئۇيقۇ فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، %41 قۇرامىغا يەتكەن كىشى دائىم تۈگۈلۈپ ئۇخلايدىكەن. ھامىلىدار ئاياللار ۋە خورەك تارتىدىغانلار بۇ خىل ھالەتتە ئۇخلاشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. تۈگۈلۈپ ئۇخلىغاندا قان ئايلىنىش تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، بالىياتقۇنىڭ جىگەرنى بېسىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. لېكىن، بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كەچتە ئۇخلىغاندا بەدىنىنى سوزۇپ ئۇخلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ