جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى

2019.10.17 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە خۇلاسە يىغىنىدا سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 16- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ خىزمەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئەلا نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىكنى ياراملىق بولۇپ، يېڭى تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم خۇلاسە يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  16-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا چىراغلار چاقناپ، كەيپىيات قىزغىن بولدى. سائەت 10دا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار بۇ يەرگە كەلدى، مەيداندىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پات- پات پاراڭلاشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ