مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچ ھەسسە ئىش ھەققىدىن بەكرەك مۇھىم

2019.08.15 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئارقا كۆرۈنۈش: جياڭسۇ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش ماجىراسىغا قاراپ چىقىشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق دەم ئالمىغانلىق ھەققى بېرىش سەۋەبىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەرسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «يىللىق دەم ئالمىغاندا ئۈچ ھەسسە مائاش بېرىش»كە قارىتا، پىكىردە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يىللىق دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرمىغان بولۇپ، ئەمگەكچى كۈنلۈك مائاش كىرىمىنىڭ %300 ى بويىچە يىللىق دەم ئالمىغانلىق ھەققى بېرىشنى تەشەببۇس قىلسا، سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  2015-يىلى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش نىسبىتى ئاران %50 ئىكەن. مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى يېتەرلىك بولماسلىقىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلار باراۋەر ئەمەس، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن سۆز قىلىش ھوقۇقى يوق. ئەگەر تۇرۇشلۇق ئورۇن مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويمىسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر دەردىنى ئىچىگە يۇتىدۇ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا پاش قىلىشنى ياكى ياردەم تەلەپ قىلىشنى تاللايدۇ.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ يىللىق دەم ئالمىغانلىق مائاشى بېرىشتىكى تالاش-تارتىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك مائاش كىرىمىنىڭ %300 ى بويىچە يىللىق دەم ئالمىغانلىق ھەققىنى بېرىش تەشەببۇسىنى قوللاشنى ئايدىڭلاشتۇردى، «سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشى» مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىر تەرەپتىن، «سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشى» ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. بەزى ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش ھوقۇقىنى كۆرمەسكە سالىدۇ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى بەك تۆۋەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك مائاش كىرىمىنىڭ %300 ى بويىچە يىللىق دەم ئالمىغانلىق ھەققى بېرىش تەشەببۇسىنى قوللاپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش ھوقۇقىنى قوغدىغاندا، ئاخىرىدا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، «سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشى» مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى تەشۋىق قىلىش ئېففېكتى پەيدا قىلىدۇ. «سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشى» ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنىڭ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مەھرۇم قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشى» ھەر قايسى ئورۇنلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، سوت مەھكىمىسى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش قىلمىشىغا قارشى تۇرىدۇ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ ھوقۇقىنى قەغەز يۈزىدە توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەقىقىي تۈردە ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  خىزمەت سورۇنىنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان، يىللىق دەم ئالمىغانلىق مائاشى سەۋەبلىك خىزمەت ئورنى بىلەن سوتقا چىقسا، ئەمگەكچىلەر ئۇ ئورۇندا داۋاملىق ئىشلەشكە ئامالسىز قالىدۇ. %300 مائاش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، 10 يىل ئىچىدىكى خىزمەت ئىستاژىدا، يىللىق دەم ئېلىشى بەش كۈن بولىدۇ. يەنى، 10 كۈنلۈك ئىش ھەققى (ئادەتتە ئاساسىي ئىش ھەققى)نى كۆپ ئالىدۇ. 10 كۈنلۈك ئىش ھەققىنى دەپ خىزمەت ئورنى بىلەن جېدەللىشىشكە يەنىلا بىرئاز «ئۆز بېشىمچى»لىق كېرەك. شۇڭا، مائاشلىق دەم ئېلىشتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولمىغان نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچى «ئاقىلانىلىك» بىلەن دەردىنى ئىچىگە يۇتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تەننەرخىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەكسىچە ئېيتقاندا، بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش تەننەرخى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى ئاسان ئەمەسلىكىنى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەتكۈزۈشتىن قورقمايدۇ.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ يېتەكچى پىكرى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئالمىغانلىقتىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئۆلچىمىنى قوللايدۇ. بۇ، سوت مەھكىمىسى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىش، قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس يېتەكچى پىكىر بېرىش بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالاقىدار دېلولارنى قوبۇل قىلىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىشتا سوت مەھكىمىسى يەنە بىرئاز «خىجىل بولغانلىقى»نى ئىپادىلەمدۇ؟ جياڭسۇ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ئىزاھات پىكرىگە باشقا جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى قانداق پوزىتسىيەدە بولدى؟

  نۇرغۇن ئەمگەكچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىر نەچچە كۈنلۈك مائاشنى كۆپ ئېلىشتىن مۇھىم. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى تۆۋەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكەندىلا، ئاندىن مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنىڭ قاتتىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى، ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىشى كېرەك. يەرلىكتىكى باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كارخانىنىڭ يوللۇق تىجارىتىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك، ئۇلارنىڭ بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى «قانات ئاستىغا ئېلىش»قا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ