مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەلكەننى ئېگىز چىقىرىپ، كۆك دېڭىزدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ___ جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى دىپلوماتىيە خاتىرىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ خۇا، جېڭ مىڭدا، ۋۇ جيالىن

2019.08.02 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  2019-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ، ياپونىيە ئوساكادا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى، شۇنداقلا بۇ ئالدىراش ئۆتكەن «دىپلوماتىيە ئېيى»نى ئاخىرلاشتۇردى.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ قېتىم ساھىبخان مەيدان پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىش ياكى قاتنىشىشمۇ بار ھەم بىر ئاي ئىچىدە تۆت قېتىم زىيارەتكە چىقىشمۇ بار. يېرىم يىلدا تۆت مەيدان مۇھىم خەلقئارا يىغىنغا قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «ئالدىراشلىق كۆرسەتكۈچى» بارغانسىرى ئېشىپ باردى.

  خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ، قالايمىقانچىلىق ئۈزۈلمىدى؛ دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى بۇلۇتلارنى يېرىپ، تۇمانلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى.

  دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ سىياسىيونلار ۋە ئىستراتېگىيەچىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى بىلەن پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنياغا مەسئۇلىيەتچان شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ ئەندىزىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇردى.

  يەلكەننى ئېگىز چىقىرىش

  يەر شارى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورىنى چوڭقۇر ئېچىش

  «شى جىنپىڭ ياۋروپاغا زىيارەتكە چىقىدۇ، ئىتالىيە تۇنجى بېكىتى بولىدۇ!» 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ياۋروپانى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىغان پەيتتە، ئىتالىيە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى دەرھال خەۋەر بەردى.

  بۇ، 2019-يىلىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىشى. ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيە، ئالتە كۈندۈز بەش كېچە، ئۈچ دۆلەت، بەش شەھەر __ ياۋروپا سەپىرى جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  بېيجىڭ يەنشەن تېغى ئېتىكى، گۈيشۈي دەرياسى بويىدىن قىرغىزىستاننىڭ چۇ دەرياسى ۋادىسى، تاجىكىستاننىڭ سار جىلغىسىغىچە، رۇسىيە موسكۋا كىرېمىل سارىيىدىن چاۋشيەننىڭ پيوڭياڭ جىنشيۇشەن مېھمانخانىسىغىچە . . . رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىراش تاشقى ئىشلار كۈنتەرتىپىگە نەزەر سالساق، كىشىلەر بىر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ «ئۆزۈمنى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشقا بېغىشلايمەن» دېگەن چوڭقۇر ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايدۇ، دۇنيا دەرىجىلىك بىر رەھبەرنىڭ «تۆت تەرەپكە قاترىشى ئەلۋەتتە جاپالىق، لېكىن ھوسۇل شۇكى، <دوستلار چەمبىرىكى> بارغانسېرى زورىيىدۇ» دېگەن بۇرچ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيدۇ.

  دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، چوڭ دۆلەتلەر، ئەتراپتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش __ بۇ قىسقىغىنە يېرىم يىلدىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ