مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېچىدە ئىشلىگەندە نېمە يېسە تېخىمۇ روھلۇق بولىدۇ؟ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېيىش ياكى ھېچنىمە يېمەسلىكنىڭ ھەممىسى روھلۇق قىلىدۇ

2019.08.12 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېچىچە ئۇخلىماي ئىشلىگەندە، يېرىم كېچىدە بىر ۋاخ تاماق يېيىش ياخشىمۇ ياكى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك بىلەن قورساق تويغۇزۇش تېخىمۇ ياخشىمۇ؟ ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن، بۇنىڭدا ھەم ئاچلىقنى قاندۇرىدىكەن، ھەم ئاسان ئۇيقۇسى كەلمەيدىكەن.

  جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كۈندۈزدە ئىشلەيدىغان 44 نەپەر ساغلام خىزمەتچىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئۇلارنى تەجرىبىخانىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرىدىغان بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈشكە تۇرغۇزدى، يەنى ئۇلار كۈندۈزدىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا ئۇخلاپ، كېچىچە سەگەك تۇردى. ھەممە ئادەم ھەر كۈنى 24 سائەت ئىچىدە يېمەكلىكتىن يېتەرلىك ئىسسىقلىق قوبۇل قىلدى، تاماق يېيىش ۋاقتى ئوخشاش بولدى. 1- گۇرۇپپا يېرىم كېچىدە يەنە بىر ۋاخ تاماق قوشۇپ، تويغۇچە تاماق يېدى، ئىسسىقلىق مىقدارى كۈندىلىك قوبۇل قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30ىنى ئىگىلىدى؛ ئىككىنچى گۇرۇپپا يېرىم كېچىدە پىشلاق، پېچىنە-پىرەنىك ياكى ئالما قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېدى، ئىسسىقلىق مىقدارى كۈندىلىك قوبۇل قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ پەقەت %10ىنى ئىگىلىدى؛ ئۈچىنچى گۇرۇپپا يېرىم كېچىدە ھېچقانداق يېمەكلىك يېمىدى، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماقتىن باشقا، كۈندۈزى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قوشۇپ يېدى. تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ يېرىم كېچىدە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۆپ تۈرلۈك سىناقلارنى تاماملاشقا بۇيرىدى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئاچلىق دەرىجىسى، بىۋاسىتە سېزىم ئىنكاسى ۋە ئۇيقۇسىزلىق دەرىجىسىنى باھالىدى.

  نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر ئەڭ سەگەك، ئىنكاسى ئەڭ سەزگۈر، سىناق نەتىجىسى ئەڭ ياخشى، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەقلىدىي ھەيدىگەندە ھادىسە ئەڭ ئاز يۈز بېرىپ، تاماق مىقدارىدىن ئەڭ رازى بولغانكەن. 3- گۇرۇپپىنىڭ نەتىجىسى 1- گۇرۇپپىنىڭكىدىن ئۈستۈن بولۇپ، 1- گۇرۇپپىدىكىدىنمۇ سەگەك بولغان.

  تەتقىقاتچىلار ئەڭ يېڭى بىر سان «ئوزۇقلۇق ماددا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يېزىشىچە، بۇ تەتقىقات تۇنجى قېتىم كېچىلىك سمېنىدا تاماق قوشۇپ يېيىش ئەندىزىسىنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. يېرىم كېچىدە ھەزىم قىلىش قىيىن بولغان بىر ۋاخ تاماق يېيىش بىزنى تېخىمۇ چارچىتىپ قويىدۇ، ئەمما بەدىنىمىز بۇ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولالمايدۇ. بۇ چاغدا، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك تېخىمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلار كېيىنكى قەدەمدە كېچىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچى خادىملارغا ماس كېلىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك تۈرىنى تەتقىق قىلىشنى پىلانلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ