خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاۋغۇست مىسىرنىڭ قاھىرەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مىسىر زۇڭتۇڭى سىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە ئۆز نامىمدا قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن، يارىلانغانلارنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن. جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ