مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈشتىكى يەتتە خىل ئۇسۇل

2019.08.09 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇنداق كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ: «باشقىلارنىڭ بالىسى» ئۆزىگە ئىشەنگەن، مەردانە، ئۆزىنىڭ بالىسى بولسا يۇۋاش- يۇمشاق، ھالقىلىق پەيتتە كەينىگە يېنىۋالىدۇ. ھەتتا بەزى بالىلار ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا، ھەمىشە پاسسىپ كەيپىياتتا بولىدۇ. بۇ خۇددى چاڭ-توزان بىلەن قاپلانغان كۆزەينەكنى تاقىۋالسا، ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە ياكى ئۆزىگە قارىغاندا، ھەمىشە رازى بولمىغاندەك ھېس قىلغانغا ئوخشاش. بالىلاردا نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ كەمچىل بولىدۇ؟ ئۆزىگە ئىشەنچىسى كەمچىل بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك؟

  بىرىنچى، ئىدىيەسىنى يېڭىلاش لازىم. بالىلار نۇرغۇن تەرەپلەرگە ئىگە «ئىستېرېئولۇق ئادەم» بولۇپ، ھەمىشە نەتىجىنى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى ئۆلچەشكە بولمايدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش نەتىجىدىنمۇ مۇھىم. ئاتا-ئانىلار ئۆگىنىشتە بالىلارغا ئىجابىي جەھەتتىن كۆپرەك ئىلھام بېرىشى كېرەك، دېموكراتىك، ئازادە كەيپىيات بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ئاتا-ئانىلار ئۆگىنىشتە بالىلارنىڭ ئوي-پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، نەتىجىسى ئارقىدا قالغاندا بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ يارىسىنى تاتىلاشقا، زاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئىككىنچى، ماھارەت يېتىلدۈرۈش لازىم. كونىلاردا «ئۆگەنگەن بىلىمى كۆپەيگەندە تالانتى ئۆزلىكىدىن نامايان بولار»، دەيدىغان گەپ بار، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى جەھەتتىن تەربىيەلىشى كېرەك، ھەر تەرەپلىمە قابىلىيەتلىك بولۇش بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ تەبىئىيلا پەيدا بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، بالىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يىغىپ قويۇش لازىم. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كەچۈرمىشلىرىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، دوست تۇتۇش، مۇسابىقە قاتارلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىشلىرى ئارىسىدىن ئاكتىپ ئامىللارنى ئايرىپ چىقىپ، بالىلارغا مەدەت بېرىش كېرەك، بۇ ئۇلارنىڭ ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەت شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  تۆتىنچى، ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئىشلىرىنى قېزىپ چىقىش كېرەك. بالىلار مەلۇم جەھەتتە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغاندا، مەسىلەن، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەشتىن قورقسا ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئىشلىرىنى تېپىپ چىقىشى، ئۇنىڭ مەلۇم بىر قېتىملىق نۇتقىنى جىددىيلەشمەي سۆزلىگەنلىكىنى ھەمدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن مەنزىرىنى بىر قېتىم ئەسلەپ، شۇ ئارقىلىق بالىسا ئۆزىنىڭ ئۇنچە ناچار ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، بالىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا قانداق قىلغانلىقىنى ئويلىنىشقا يېتەكلىشى، تەدرىجىي ھالدا پىسخىكىلىق توسالغۇسىنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

  بەشىنچى، سېلىشتۇرماسلىق لازىم. ئۆز بالىسىنىڭ كەمچىلىكىنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇش − بالىغا نىسبەتەن ئادىل ئەمەس. توغرا ئۇسۇل بولسا بالىنى بۇرۇنقى ھالىتىگە سېلىشتۇرۇش، مۇشۇ مەزگىلدە ئىلگىرىلەش بولسىلا، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، بەك ئارىلىشىۋالماسلىق لازىم. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوست تۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك، لېكىن بالىلار ئارىسىدىكى ئالاقىگە زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىقى لازىم. بەزى بالىلار ئوخشاش ياشتىكىلەر بىلەن ئوينىسا مەنىسىز ھېس قىلىدۇ، چوڭراق بالىلار بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزى بالىلار چوڭ بالىلار بىلەن بىللە ئوينىسا مەغلۇبىيەت كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ، ئۆزىنى باشقىلارغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراش كېرەك، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە بالىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى زورىغا تاللاپ بەرمەسلىك لازىم.

  يەتتىنچى، كەمچىللىكىنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىش كېرەك. ئۆزىدىكى نۇقسان، ئائىلە ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك. بەزى يېتەرسىزلىكلەر تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنى دادىللىق بىلەن قۇبۇل قىلغىلى، تىنچ بىللە تۇرغىلى، باشقا جەھەتلەردە ئۆزىنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلغىلى، بۇ ئارقىلىق كەمچىللىكىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئاتا- ئانىلار كۆپرەك مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قوللىشى، دائىم بالىلارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇشى، بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇشى، ئۇلارنى يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ