خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25-ئىيۇل جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نېفىتلىك مەسئۇل بولغان بۈگۈر 1-چارلاش قۇدۇقىدا بۇرغىلاش ئوڭۇشلۇق تاماملانغان، قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8882 مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق بولۇپ قالغان. بۇ قۇدۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش تارىم نېفىتلىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق قېزىش تېخنىكىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، بۇ قۇدۇق نۆۋەتتە بۇرغىلىنىپ بولغان ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق ئىكەن.» تارىم نېفىتلىكى چارلاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چيۇ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چومولاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 8848 مېتىر، بىزنىڭ بۈگۈر 1-چارلاش قۇدۇقىمىزنىڭ ھازىرقى چوڭقۇرلۇقى 8882 مېتىر بولۇپ، يەر ئاستىدا بۇرغىلاش ئارقىلىق بىر چومولاڭما چوققىسىنى ھاسىل قىلغانغا باراۋەر.»
ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىدا مول تەبىئىي گاز بايلىقى بار، بولۇپمۇ شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئىي گاز بايلىقى مىقدارى مەملىكەت بويىچە تەبىئىي گاز ئومۇمىي بايلىقىنىڭ %22ىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ يەر يۈزى مۇھىتى ناچار، يەر ئاستى شارائىتى مۇرەككەپ بولۇپ، دۇنيا بويىچە نېفىت-گاز چارلاش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى رايونلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
«بۈگۈر 1-چارلاش قۇدۇقى بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇرغىلىنىشقا باشلانغان بولۇپ، بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى چوڭقۇر يەر قاتلىمىدىكى نېفىت-گاز ئېلىش رايونىنى تېپىش ئىدى. تارىم نېفىتلىكى بايلىق چارلاش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سەي جېنجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئەسۋابلار بەلگىلىك چوڭقۇرلۇققا يەتكەندىن كېيىن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىمدا داۋاملىق ئىشلىمىگەچكە، قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىردىن ئاشقاندىن كېيىن ھەر 100 مېتىر بۇرغىلىغاندا، ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىدە كۆرسەتكۈچ دەرىجىلىك ئېشىش كۆرۈلىدۇ.»
تارىم نېفىتلىكى قۇدۇق گەۋدىسى قۇرۇلمىسى، بۇرغىلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تارتىشقا بەرداشلىق بېرىشچانلىقى، سۇ كۈچى ئىلمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەلالاشتۇرۇش، دەلىللەشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇدۇق گەۋدىسى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بۇرغا بېشىنى سەرخىل قلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىم، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى يەر پوستى كۈچىنىش قاتارلىق بىر قاتار بۇرغىلاش قىيىن مەسىلىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىپ، بۇرغا بېشىنى 9000 مېتىرغا يېقىن چوڭقۇرلۇققا يەتكۈزدى.
تارىم نېفىتلىكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۈگۈر 1-چارلاش قۇدۇقى يەنە ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ئەۋرىشكە ئېلىش ۋە ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق ئۆلچەشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك رېكورتنى ياراتقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى