مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى-تاشقى كۈچلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ، شياڭگاڭغا ئاپەت ئېلىپ كېلىشىنىڭ رەزىللىكى ۋە ئىپلاسلىقى

2019.07.25 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، شياڭگاڭدا بىر قاتار قانۇنغا خىلاپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق ئازابلىدى. بۇ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا شياڭگاڭدىكى بەزى كۈچلەر، بەزى كىشىلەرنىڭ سىرتقى كۈچلەر بىلەن ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن قىلىۋاتقان شۇملۇقلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ مەزگىلگە قايتا قارايدىغان بولساق، تاشقى كۈچلەرنىڭ جۆيلۈشلىرى بارغانسېرى كۆپ بولدى، قول تىقىش ھالىتى بارغانسېرى مۇتتەھەملىشىپ كەتتى، شياڭگاڭدىكى رادىكاللارنىڭ خورىكى بارغانسېرى ئۆسۈپ كەتتى، زوراۋانلىق ھەرىكىتى بارغانسېرى غالجىرلىشىپ كەتتى، بىرى غوجايىن، بىرى مالاي بولۇپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ھەممە ئىپلاسلىقلارنى قىلىپ، «شياڭگاڭغا ئاپەت كەلتۈرۈپ، جۇڭگونى قالايمىقان قىلىش»تەك رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

  چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلارنى ئەيىبلىمەي ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىماي، ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلەپ، ئەسەبىيلەشكەن زوراۋانلارغا «ئەركىنلىك»، «دېموكراتىيە»، «ئىنسانىي ھوقۇق» تاجىنى تاقاپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ يۇرت- ماكانىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتەك ئومۇميۈزلۈك خەلق رايىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەق-ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىش، ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ئويۇنى ھەقىقەتەن تەڭداشسىز دەرىجىگە يەتتى. بۇ پەقەتلا سەھنىدىكى ئويۇن بولۇپ، پەردە ئارقىسىدا تېخىمۇ جاپالىق كۈچ چىقاردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شياڭگاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە بىرەر شەپە بولسىلا، ياكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە كۈچلىرى تېزلىكتە «چاقىرىتىدۇ» ياكى شياڭگاڭدىكى ئۆكتىچى سىياسەتۋازلار ئوكيان ئاتلاپ «دوكلات» قىلىدۇ. شياڭگاڭنىڭ «سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋەقەسى»دىن بۇ قېتىمقى «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇش ۋەقەسى»گىچە، بۇ خىل ھەمتۈرتكە بولۇش مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ئوچۇق-ئاشكارا بولدى، ۋاسىتىلىرىدىمۇ بارغانسېرى تەپ تارتمىدى. ھەر قېتىملىق ۋەقەلەردە ئامېرىكا، ئەنگلىيە كۈچلىرى شياڭگاڭدا ئۇزاقتىن بۇيان يېتىشتۈرگەن، باققان، جۇڭگوغا، كومپارتىيەگە قارشى بىر قىسىم ئۇنسۇرلار ھە دېسىلا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، مۇئاۋىن باش ۋەزىر، دىپلوماتىيە، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە ئاتالمىش خەلقئارادىكى داڭلىق تاراتقۇلارنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولۇپ قالدى. باشلامچىلىق بىلەن جېدەل چىقارغان ئايرىم ياشلار ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا يوللاپ بېرىلدى. «غوجايىنلار» بۇ كىشىلەرگە «تەلىم بېرىپ»، يەنە ئۆزلىرى چىقىپ «سۇپا ياقىلاپ»، شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىيەسى، ئەركىنلىكى، ئىنسانىي ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «قۇتقۇزغۇچى»، «ئادىل سوتچى» قىياپىتىگە كىرىۋالدى.

  لېكىن، ھەقىقىي ئەھۋالنى قانداقمۇ بۇرمىلىغىلى بولسۇن، ھەققانىيەت كىشىلەر قەلبىدە بولىدۇ. ئەھۋالنى چۈشىنىدىغانلار ھەممىنى ئېنىق كۆرۈۋاتىدۇ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ ھېسابلىشىدىغىنى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى بولۇپ، باشقىلارنى قەستلەشكە تولغان. ئۇلار نەدىمۇ شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە شياڭگاڭ ئاھالىسىنىڭ بەخت-سائادىتىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ پەقەتلا «دېموكراتىيە»، «ئەركىنلىك»، «ئىنسانىي ھوقۇق» نامى بىلەن «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»قا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى يولغا قويىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، شياڭگاڭنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش، ھەتتا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سىڭىپ كىرىش، ئاغدۇرۇش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، «رەڭلىك ئىنقىلاب»نىڭ ئاپىتىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە باشلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  شياڭگاڭ ئاللىقاچان ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 100 يىللىق نومۇسى ئاقلاندى. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا بۇيرۇق بېرىشكە ئادەتلىنىپ قالغان تاشقى كۈچلەرگە شۇنى ئۇقتۇرۇمىزكى، «دېموكراتىيە» نىقابىنى كۆتۈرۈۋېلىپ زوراۋانلىق بىلەن شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقان «مەخلۇقلار»نى بېقىشتا، «مەخلۇقلار»نىڭ چىشلىۋېلىشىدىن پەخەس بولسۇن؛ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى ئاغدۇرۇش خىيالىدا بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش تېخىمۇ خام خىيالدۇر، ئۆزىنى چاغلىماسلىقتۇر، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. بىز شياڭگاڭدىكى ئۆكتىچى سىياسەتۋازلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، مۇستەملىكىچىلىك دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى دەپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ «جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلىش»تىكى «چوماقچىسى» بولسا، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ، تارىخنىڭ نومۇس تۈۋرۈكىگە مەڭگۈ مىخلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ