مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

تۆھپە قوشۇش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭنىڭ ھېكايىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق داۋاملىق يازايلى

2019.07.25 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىرلەشمىسىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، كەڭ پىدائىيلار، پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى بولسا، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ پىدائىيلار، پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەھەللىلەرگە، يېزا-كەنتلەرگە ۋە ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇپ، غايە-ئېتىقاد، مېھىر-شەپقەت ۋە مەسئۇلىيەتنى تولۇق زىممىسىگە ئېلىشنى تولۇق نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ئېتىقادى، دۆلەتنىڭ كۈچى ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى بار جانلىق ئىپادىلەرگە ئايلاندى. كەڭ پىدائىيلار، پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تۆھپە قوشۇش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭنىڭ ھېكايىسىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق داۋاملىق يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمەت بىرلەشمىسى يېتەكلەش، بىرلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كەڭ پىدائىيلار ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سۇپا ھازىرلاپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشۇشقا ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ