مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مىللەت، دىن ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

2019.07.19 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋڭ ياڭ يېقىندا چىڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زاڭزۇلار رايونى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەت، دىن خىزمىتىنى پائال، مۇقىم، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ تىنچ، ئىناقلىقىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، تىنچ – ئامان، سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  7–ئاينىڭ 16–كۈنىدىن 17–كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ ئىلگىرى – كېيىن يۈشۇ، شىنىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر رايونى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەھۋال ئىگىلىدى ۋە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار جەھەتلەردىكى پىكىر–تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى چىڭخەينىڭ مىللەت، دىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مىللەتلەر خىزمىتى ۋە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىبادەتخانا باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋە دىن ساھەسىدىكىلەر ئۆز–ئۆزىنى باشقۇرۇش بويىچە ئىككى قولدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەرھىزنى ئۇستاز تۇتىدىغان، ئۆگىنىش بىلەن تەربىيەگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، توغرا يول تۇتىدىغان ئىچكى قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مىللەتلەرنىڭ رايون ھالقىپ يۆتكىلىش يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان شارائىتنى پائال يارىتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ