مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

5Gنىڭ ئەۋزەللىكى تور سۈرئىتىدىلا ئەمەس

2019.07.15 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5Gنىڭ سودىدا ئىشلىتىلىدىغان نومۇر تاختىسىنىڭ تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز 5Gلىق سودىنىڭ تۇنجى يىلىنى رەسمىي باشلىدى. ئۇنداقتا،5Gنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىش ساھەلىرى زادى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ھەققى قىممەتمۇ؟

  تور سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى كىشىلەرنىڭ 5Gغا بولغان بىۋاسىتە تەسىراتى، ئەممە بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر ئەۋزەللىكى ئەمەس. 5Gئەمەلىيەتتە بىزنى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۆزئارا باغلىنىدىغان ئالاقە دەۋرىگە باشلاپ كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندىمۇ، كۆچمە ئالاقە تورى 5Gنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگو ئۇچۇر-ئالاقە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش ئىنژېنېرى خۇ جيەنبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، 2030- يىلىغىچە، كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ ئېقىم مىقدارى نەچچە ئون مىڭ ھەسسە ئاشىدىكەن، كۆچمە تور ئۇلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 100 مىلياردتىن ئاشىدىكەن.

  جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئۇچۇر-ئالاقە ئىلمىي تارقىتىش مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى جاڭ شىنشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: 5Gبولسا، ئۇ يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرىدۇر. كەلگۈسىدە، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلار 5Gنى جەزمەن بىر ئېچىۋېتىلگەن ۋە بىرلەشتۈرۈلگەن ھەم ئەقلى ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان تورغا ئايلاندۇرىدۇ.

  ئىستېمال ساھەسىدىكى بازارلاردا، 5G ئابونتلىرىنىڭ ھاياجانلىقلىرىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. جاڭ شىنشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنمە چاستوتا، مەۋھۇم رېئاللىق ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلار 5Gنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىش ساھەلىرى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ ھەم شۇنداقلا پىشىپ يېتىلگەن كەسىپ ساھەسى بولۇشى مۇمكىن. 5G تورىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، تور خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىغا بولغان تەلەپ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بەزى كەسىپلەر، مەسىلەن، يىراق مۇساپىلىك ئوپېراتسىيە ۋە پۈتۈن يول ئەھۋالى بويىچە ئاپتوماتىك ھەيدەش قاتارلىقلار 5Gنىڭ مۇھىم ئەمەلىي قوللىنىلىش ساھەلىرى بولۇپ قالىدۇ.

  جۇڭگو خەۋەرلىشىش ئىلمىي جەمئىيىتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى خۇاڭ شيۇچىڭ مۇنداق دېدى:4Gلىق تور تۇرمۇشنى ئۆزگەرتتى،5Gلىق تور جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدۇ. 5G ئەمەلىئەتتە چوڭ كۆرۈنۈشلۈك ۋە كۆپ ئۆلچەملىك قوللىنىشقا دىققەت قىلىپ، ھەمدە ھەر قايسى سۇپىلارنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ھەتتا كەسىپ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  5G نىڭ ئېقىم مىقدارى ھەققى بەك قىممەتمۇ؟ خۇاڭ شيۇچىڭ مۇنداق دېدى: ھەقنى نۇرغۇن ئامىللار بەلگىلەيدۇ، ئۇنىڭدا ھەم تېخنىكا تەننەرخى بار، ھەم بازار رىقابىتى قاتارلىق ئامىللارمۇ بار. ئۇنىڭ تەننەرخىگىلا قارايدىغان بولساق، 5G تورىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ زورايدى، لېكىن تور سۈرئىتى تېزلەشتى، سىغىمى چوڭايدى، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ھەر بىر بىرلىك ئېقىم مىقدارىنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىدى. بازار رىقابىتى شارائىتىدا، 5Gئېقىم مىقدارىنىڭ يەككە باھاسى تورنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، كەلگۈسىدە ئۇ 4Gدىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ