مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئەدەبىياد-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەپ، يېڭى دەۋرنى يېزىپ، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش كېرەك

2019.07.17 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇلارغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات-سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، كىشىگە زوق بېغىشلايدىغان تۈركۈم-تۈركۈملەپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ نادىر بەدىئىي ئوبرازلارنى ياراتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلقنى مەركەز قىلىش خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، جىسىمانىي كۈچى، نەزەر كۈچى، ئەقلىي كۈچى ۋە قەلەم كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى، ئەدەبىيات، تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، خەتتاتلىق، ئەلنەغمە، سېرك، خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتى ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى قاتارلىقلاردا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، خەلقنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ