مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، كۆچمەنلەرنى چەكلىدى، «بىخەتەر 3-دۆلەت» كېلىشىمى يەنە تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى

2019.07.17 16:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 16-چېسلادىن باشلاپ كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش يېڭى بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇپ، «ئايرىم ئەھۋال»نى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا دۆلەتلەردىن ئامېرىكىغا كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىش سالاھىيىتى يوق، دەپ بېكىتتى.

  ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنۇلارنى چۈشەندۈردى: سىياسەت مېكسىكىدىن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىغا ئېقىپ كىرگەن نۇرغۇن كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان. مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماسېلو ئېبراد 15-يانۋار مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلغان يېڭى بەلگىلىمىگە تايىنىپ مېكسىكىنى «بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت»گە ئايلاندۇرالمايدۇ.

  توسقۇنلۇق قىلىشنى كۆپەيتىش

  يېڭى بەلگىلىمە 16-چېسلا «فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خاتىرىسى»دە ئېلان قىلىندى ھەمدە كۈچكە ئىگە بولدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىردىن پايدىلىنىپ «يېڭى توسالغۇ» تەسىس قىلىپ، كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 15-چېسلا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، «چەكلىك ئايرىم ئەھۋاللار»نى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئامېرىكا چېگراسىغا كەلگەن كۆچمەنلەر ئامېرىكىدا پاناھلىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، گەرچە يالغۇز چېگرادىن كىرگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. «باشقىچە ئەھۋال»دا نوپۇس ئەتكەسچىلىكىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە پاناھلىنىش ئىلتىماسى بولغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم مەھكىمىسى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇسۇلىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەر مۇقەررەر ھالدا دەۋانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، باشقا دۆلەت پۇقرالىرى چېگرادىن كىرگەن ھامان ئامېرىكىدا پاناھلىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، لېكىن «بىخەتەر» دۆلەت چېگراسىدىن كىرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا. «كۆچمەنلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى»دا «بىخەتەر» دۆلەت تەبىرى مۈجمەل بولۇپ، «ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك كېلىشىم»نى ئاساس قىلغان.

  نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن «بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت» كېلىشىمى ئىمزالىغان دۆلەت پەقەت كانادا. ئامېرىكا مېكسىكا بىلەن گىۋاتېمالانى «بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت» كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا قايىل قىلماقچى بولغاندا، بىردەك رەت قىلىندى.

  ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى نەنسى پېلوسى بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، «(ئامېرىكا)نىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئۆرنەكلىرى ۋە قانۇنلىرىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى» كۆرسەتتى. ئامېرىكا خەلق ھوقۇقى ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىقى سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ توغرىسىدا دەۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يەنە قارشىلىققا ئۇچرىماق

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەدبىرى كۆچمەنلەر بېسىمىنى مېكسىكا ۋە گىۋاتېمالاغا يۆتكەپ بېرىشى مۇمكىن.

  مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تەھدىتى ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە بىر قەدەر ماسلاشتى، لېكىن 15-چېسلا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا قوبۇل قىلمايدىغان كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشى كېرەكلىكى، مېكسىكا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېبراد مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كۆچمەنلەرنى چەكلەش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مېكسىكىنى «بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت»گە ئايلاندۇرالمايدۇ.

  ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ «كۆچمەنلەرنى قوغداش كېلىشىمى»گە ئاساسەن، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسى ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتۈپ پاناھلىنىشنى ئىلتىماس قىلغان مېكسىكىلىقلاردىن سىرت قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى مېكسىكىغا ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى مېكسىكىدا ئامېرىكىنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتۈشىنى ئورۇنلاشتۇرغان، ھازىرغىچە مېكسىكىغا تەخمىنەن 20 مىڭ ئادەمنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىغا ئېقىپ كىرگەن كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەت ھوندۇراس، گىۋاتېمالا ۋە سالۋادور قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن. ئۇلار گىۋاتېمالادىن مېكسىكىغا كىرىپ، ئاندىن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ئامېرىكىغا كىرىدۇ. ئەگەر مېكسىكا ياكى گىۋاتېمالا ئامېرىكا بىلەن «بىخەتەر 3-دۆلەت» كېلىشىمى ئىمزالىسا، مۇناسىپ بەلگىلىمىگە ئاساسەن پاناھلىنىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۇنجى يېتىپ بارغان بىخەتەر دۆلەتكە پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ