شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايوننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ بەرپا قىلايلى

2019.07.17 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  ◆جايلار، تارماقلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك: بىرىنچىدىن، ئىدىيەۋى تونۇشنىڭ توغرا بولۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىشكە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە دۇچ كەلگەن خەۋپ-خەتەر سىنىقىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە تەدبىرلەرنى ياخشىلاش كېرەك؛ ئۈچىنچى، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، توسۇشقا تېگىشلىك يوچۇقلارنىڭ ياخشى توسۇش، تەنقىدلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەستايىدىل تەنقىد قىلىش، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن كۆزىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ◆ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. كومپارتىيە دېگىنىنى قىلىدۇ، چوقۇم قىلالايدۇ. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بۇ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ◆خەلقئارا ۋەزىيەتتە تېز ئۆزگىرىش بولدى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللار داۋاملىق كۆپەيدى، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات تاشقى مۇھىتىدىكى خىرىس ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىردى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇلدا »ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ۋە يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايوننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ياز كۈنلىرى ئىچكى موڭغۇلدا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن. 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بو شياۋلىننىڭ ھەمراھلىقىدا مەھەللە، ئورمانچىلىق مەيدانى، يېزا، ئالىي مەكتەپ ۋە ئورگان، ئورۇنلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەق مەيداندا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ