مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :

جايلارنىڭ ئەمەلىي ئىجادچانلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش نازارەتچىلىكى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش كېرەك

لى جەنشۇ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېتلارنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2019.07.19 13:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. 40 يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يەرلىكنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېڭى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەلىپى بويىچە، يەرلىك پارتكوملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى چۆرىدەپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىجادىي رەۋىشتە ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىشى كېرەك. تەڭ دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېتلار تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 18- ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى بويىچە، ھەمدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ