مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يا ئۇرغىلى، يا تىللىغىلى بولمىسا، ھازىرقى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا تەربىيە بېرىشى نېمانچە تەس؟

جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا روھىي ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر پىسخىكىلىق داۋالىغۇچىسى خۇ جيەنبو

2019.07.17 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، يا ئۇرغىلى، يا تىللىغىلى بولمىسا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيە قىلىشى سەۋەبلىك بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىق ئەھۋاللىرى ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈلگەنلىكتىن، ئاتا-ئانىلارمۇ ھودۇقۇپ قالماقتا.

  بالا خاتالىق ئۆتكۈزسە جازالاشقا بولامدۇ؟

  جاۋابى شۇكى، ئەلۋەتتە بولىدۇ.

  بالا نامۇۋاپىق سۆز-ھەرىكەت قىلغاندا، جازا بېرىشكە بولىدۇ. بالا قانچە كىچىك بولسا، ئۇنىڭ قائىدە تۇيغۇسى ۋە ئەخلاق تۇيغۇسى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، بىر ئىشنى قىلىش- قىلماسلىقتا ئادەتتە قىلغاندىن كېيىنكى نەتىجىگە قارايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشسە، بۇ خىل ھەرىكەتنى قىلىشى كۆپىيىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئازىيىدۇ.

  لېكىن ئاتا-ئانىلارنىڭ مەلۇم خىل ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بىردەك بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ ئوخشاش بىر ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە جازاسى بىردەك بولمىسا، بالىنىڭ تونۇشى قالايمىقانلىشىپ، ئاتا-ئانىسىغا بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، جازالاشنىڭ مەقسىتى بالىلارنىڭ نامۇۋاپىق سۆز-ھەرىكىتىنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت، ھەرگىزمۇ شەخسىي كەيپىياتىنى بوشىتىش ياكى بالىلارنى زەربىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئەمەس.

  ئاتا-ئانىلارنىڭ بايقىشىچە، بالىلار بىر قېتىم تاياق يېگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن ياۋاش بولۇپ كېتىدىكەن، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە تەكرارلايدىكەن. چۈنكى، ئۇرۇش-تىللاشتىن كېيىن، بالا قىلمىشىنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتنى ئالدىن بىلىپ، ئاسانلا تەتۈرلۈك («ئۇرساڭ قانداق بولماقچىتى») ۋە تەلەي سىناش («پەقەت بىر قېتىم تىللاپ قويىدۇغۇ-شۇ») پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىدىكەن، لېكىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خاتا ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالالمايدىكەن.

  بىز جازالاش ئارقىلىق بالىنىڭ خاتا تونۇشىنى تۈزىتىپ، توغرا تونۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چىن كۆڭلىدىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتكۈزۈشىمىز كېرەك. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەن جازاسى ۋە ھاقارەتلەش خاراكتېرلىك سۆزلەر بىلەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، قاتتىق ئۇرۇش-تىللاش بالىلارنىڭ غورۇرىغا ۋە ئىشەنچىگە زەربە بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

  قانداق ئەھۋال ئاستىدا بالىلارنى جازالاشقا بولىدۇ؟

  جازالاشتا شۇ ۋاقىتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش لازىم، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھېساب ئالماسلىق كېرەك.

  بالىنىڭ ھەرقانداق سۆز- ھەرىكىتىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ بالىلاردا نامۇۋاپىق سۆز- ھەرىكەتلەر كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا توسۇش كېرەك، بۇ چاغدىكى تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. جازا ۋاقتىدا بېرىلمىسە، بالىدا تەلەي سىناش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ، ئىشتىن كېيىن ھېسابلاشسا، بالا تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىغا كىرىپ قالىدۇ.

  ئەلۋەتتە، ئوچۇق مىجەزلىك ياكى سەزگۈر بالىلارنىڭ ھەممىسى يېتەرلىك ھۆرمەتكە موھتاج. ئەگەر ئاممىۋى سورۇندا بولسا، بالىنى ئايرىم جايغا ئېلىپ بېرىپ ئاندىن تەربىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  قانداق جازا بېرىش ئۈنۈملۈك بولىدۇ ھەمدە بالىلارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ؟

  پىسخولوگىيە جەھەتتە جازا ئاكتىپ ۋە پاسسىپتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.

  بىرىنچى خىلى «ئاكتىپ جازالاش» − ئۇلار ئادەتتە قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قوشۇپ قويۇش. مەسىلەن، ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان «ۋەيرانچىلىق»نى يىغىشتۇرغۇزۇش، ئۆينى يېرىم سائەت تازىلىتىش قاتارلىقلار.

  ئىككىنچى خىلى «پاسسىپ جازالاش» − ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىدىن ئايرىۋېتىش ئارقىلىق بەدەل تۆلىتىش. مەسىلەن، سوۋغات تالىشىش ئۈچۈن ئۇرۇشقان بالىنى بىرلا ۋاقىتتا بۇ سوۋغاتتىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىقلار.

  لېكىن، بۇ جازالارنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى، بىز چوقۇم بالىلارغا پۈتۈن ۋەقەدە ئۇلارنىڭ نېمە ئىشنى خاتا قىلغانلىقىنى، قانداق ئاقىۋەت ۋە زىيان پەيدا قىلغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار بۇنداق قىسمەتنى قوبۇل قىلىشنى خالىسا، ئۇلار بۇ خاتالىقنى قانداق تولۇقلىشى كېرەك، دېگەنلەرنى ئېيتىپ بېرىشىمىز كېرەك. بالىنى خاتالىقى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرىدىغان «جازالاش» − ھەقىقىي ئۈنۈملۈك جازالاش ھېسابلىنىدۇ.

  يېشى چوڭراق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى جازالاش ئاتا-ئانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ياشلار- ئۆسمۈرلەر كۈچلۈك مۇستەقىللىق ئېڭى ۋە «چوڭ ئادەم تۇيغۇسى»نىڭ تۈرتكىسىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ باراۋەر سۆھبەتلىشىشى، پىكرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىشى، ئۆزىنىڭ مول كىشىلىك تۇرمۇش كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئىلھام بېرىشىگە موھتاج.

  بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى پەقەت بىر قېتىم بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك. بىز ھەرقانچە ئالدىراش بولساقمۇ روھىي ھالىتىمىزنى پەسەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەۋرچانلىق بىلەن قاتنىشىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ