مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

37 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى ب د ت غا بىرلىشىپ خەت ئەۋەتتى

شۇ خەتتە ئۇلار جۇڭگونىڭ شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى پائال باھالىدى

2019.07.15 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۋە خەۋىرى: 37 دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى 12- چېسلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملىرى ئىش باشقارمىسىغا بىرلىشىپ خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى پائال باھالاپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللىدى.

  باش ئەلچىلەر بىرلەشمە ئىمزالىق خېتىدە جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ماختىدى، شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  ئۇلار مۇنداق دېدى: تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلدى. شىنجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە مەركەزلىرىنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭدا ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  ئۇ باش ئەلچىلەر جۇڭگونىڭ كۆپ قېتىم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە تاراتقۇلار قاتارلىقلارنى شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇلار شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان زاتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇنداق دېگەنلىكىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى: ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن. ئۇلار ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئەزەلدىن شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ باقمىغان ئەھۋالدا، ئىسپاتلانمىغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق جۇڭگونى ئورۇنسىز ئەيىبلەشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  بۇ 37 دۆلەت رۇسىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، كۇبا، ئالجىرىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، گېلىيە، ئانگولا، توگو، تاجىكىستان، فىلىپپىن ۋە بېلارۇسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شۇ كۈنى، جۇڭگونىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق باش ئەلچىسى لى سۇڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ بىرلىكتە خەت ئەۋەتكەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە رەھمەت ئېيتتى. لى سۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: بىز ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل بولۇش پىرىنسىپىدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغان كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، گۈزەل، باي، ھەقىقىي، مېھماندوست ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە مەردانە قەدەم تاشلاپ، 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ