شى جىنپىڭ 2019-يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2019.07.18 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ 2019-يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەرقايسى ئەلچىلەر ۋە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان دىپلوماتىيە سېپىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4 يېرىمدا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، زالدىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئەلچىلەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پات-پات پاراڭلاشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە 2019-يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلدى. يىغىن نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق بارلىق ئەلچىلەردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى خىزمەت مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ، پائال ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ