مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2019.07.17 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

  ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات-سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، كىشىلەرگە زوق بېغىشلايدىغان تۈركۈم-تۈركۈملەپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ نادىر بەدىئىي ئوبراز ياراتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلقنى مەركەز قىلىش خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، جىسمانىي كۈچى، نەزەر كۈچى، ئەقلىي كۈچى، قەلەم كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئەدەبىيات، تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، خەتتاتلىق، ئەلنەغمە، سېرك، خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورى قاتارلىقلاردا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھى جارى قىلدۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۆھپە قوشۇلدى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى مەشھۇر ئەدىب، سەنئەتكارلارنى چاقىرماقتا. جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلنى مايىل قىلىش، يېڭىچە كىشىلەرنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلىشىش، يېتەكلەش، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش، تەلەپچان بولۇش، ھوقۇقنى قوغداش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەپ، يېڭى دەۋرنى يېزىپ، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەپ، دەۋرگە، خەلققە، مىللەتكە مۇناسىپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2019-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ