مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كىملىك ئاساس قىلىنغان كىنىشكا بېجىرىش ئىشلىرىنى «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2019.07.18 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇل ج خ مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش شەرتىنى ھازىرلىغان ياكى كىملىك، جۇڭگو پۇقراسى پاسپورتى قاتارلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىلىرى ئاساس قىلىنغان كىنىشكا بېجىرىش ئىشلىرىنى «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش» تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇ، ج خ مىنىستىرلىقى تۈزگەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت 60 تۈرلۈك تەدبىرنىڭ بىرى ئىكەن. بارلىق تەدبىرلەر ئىككى يىل ئىچىدە تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.

  ج خ مىنىستىرلىقى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت 60 تۈرلۈك تەدبىرنى ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەت قىلىشتىكى 12 ماددىلىق كۆچمەنلەر ۋە چېگرادىن كىرىش-چىقىشقا قولايلىق يارىتىش سىياسەتلىرىنى مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇش، كۆپەيتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 60 تۈرلۈك تەدبىر ئاساسلىقى مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش، جامائەت خەۋپسىزلىكى مەمۇرىي ئىشلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، تارماقلار ئارا سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېزلىتىش، ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانا ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىق يەتتە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جەمئىيەتكە، كارخانىغا، ئاممىغا يۈزلەنگەن كۆپ ساندىكى مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى تەستىقلاش مۆھلىتىنى ئومۇميۈزلۈك قىسقارتىش، تامغا ئويۇش كەسپى ئىجازىتىنى تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەخسۇس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئىجازىتىنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈش خىراجىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش جەھەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى «مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش»، «بىر جايدىلا بىر تۇتاش بېجىرىش»، «بىر توردىلا بىر تۇتاش بېجىرىش»، «بىر قېتىملا بېجىرىش»نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نوپۇس يۆتكەشتە «بىر جايدا بېجىرىش»نى يولغا قويۇپ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى باشقا جايدا بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەربىيەنى قوبۇل قىلغانلارغا قارىتا قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشتىكى نومۇر خاتىرىلەشنى كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپاتلاش قاتارلىقلار نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىكەن.

  تارماقلار ئارا سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، نوپۇس ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇپ، جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن، كۈچتىن قالغان كىملىك ئۇچۇرىنى توردا تەكشۈرۈپ، تارماقلار ئارا ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يولغا قويۇلىدىكەن.

  «تەدبىر، لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇش پەقەتلا ئىسلاھاتنىڭ تۇنجى قەدىمى، ئەڭ مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسىنى ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن نامايان قىلىش كېرەك». ج خ مىنىستىرلىقى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې ۋېنلىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ج خ مىنىستىرلىقى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھېساب سېلىشتۇرۇپ نومۇر ئۆچۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىككى يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ