مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارنىڭ جىنىسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى ئەمدى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

2019.07.11 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  ئارقا كۆرۈنۈش: يېقىندا، بىر قانچە بالىنىڭ پەسكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى، ھەتتا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، كىشىلەرنىڭ پەسكەشلەرگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. بەزىلەر پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى دەرھال ئېلىپ بېرىشنى جىددىي مۇراجىئەت قىلدى.

  شىنجىڭباۋ گېزىتىدىن جاڭ خۇڭۋېينىڭ كۆز قارىشى: بۇ دېلولارنىڭ تەپسىلاتىنى رەتلەش ئارقىلىق، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان نۇرغۇن بالىلار ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئاساسىي مۇداپىئە ئېڭى ۋە مۇداپىئە ماھارىتىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، مۇناسىپ قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىمۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى ئۈگىتىپ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھامىيلىق قىلىشى، مەكتەپنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ياردەم بېرىش كۈچى قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈش، مانا ئەمدى جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنىڭ زۆرۈر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، بالىلارنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ھەمدە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، مەجبۇرىي بولۇش، دەرسلەشتۈرۈش، سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى نۆۋەتتە، قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن بىر جايدا گەپ سوراش، جىنىسىي پاراكەندىچىلىككە چېتىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى چەكلەش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنىۋېرسال قوغداشنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پىكىر يولى ۋە ئەمەلىي يول بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر دەرىجىلىك باش تەپتىشلەر، مۇئاۋىن باش تەپتىشلەر ۋە پىروكۇرورلار ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش دەرسى ئۆتۈش قاتارلىق قانۇن ئىدارە قىلىشنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيەتلىرىمۇ مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلدى. قانۇن ئىدارە قىلىشنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، تەپتىش ئورگانلىرى مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان بالىلارنىڭ ياش باسقۇچى ۋە بىلىش سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرسلىكىنى تەتقىق قىلىپ ۋە تۈزۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزسە بولىدۇ، ياكى دەرس شەكلى ئارقىلىق دەرسلىكنى ۋاسىتە قىلىپ، ھەقىقىي دېلو مىساللىرى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈپ، بالىلارنى جىسمانىي مەخپىيەتلىك ئورنى ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ شەكلى ۋە زىيىنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلەش ھەتتا مەجبۇرلاش كېرەك، بولۇپمۇ جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئۇرۇش خاراكتېرلىك قارشى تۇرۇشقا قارىتىش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا ياكى قوشۇمچە ئىمتىھان ئېلىپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شياۋجياڭنىڭ قارىشى: پەسكەشلىك، ھەتتا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلار قىز بالىلارلا ئەمەس، ئوغۇل بالىلارمۇ بار، شېنجېندا يېقىندا يۈز بەرگەن بىر دېلو كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. 29 ياشلىق بىر ئەر ئويۇن ئويناش ۋە ۋاسكېتبول ئويناش نامى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر ئوغۇل بالىنى ئۆزىنىڭ ئىجارە ئۆيىگە ئالداپ بېرىپ پەسكەشلىك قىلغان. ئوغۇل بالا يەنە بىر سىنىپتىكى ئۈچ ئوغۇل ساۋاقدىشى بىلەن كۆپ قېتىم بۇ ئەرگە كەلگەن، بۇ ئەر ئۇلارغا «قول سېلىپ» بولغاندىن كېيىن، 5 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە «ئېغىز ئېتىش ھەققى» بەرگەن. ئۇغۇل بالىلار ئۇ ئەر بىلەن توردا پاراڭلاشقاندا، ئۇ ئەر گەپ-سۆلەردە ناھايىتى سىلىق-سىپايە بولغان، ئەمما، ئەمەلىيەتتە، . . . .

  شېنجېن ھەرگىىزمۇ ئارقىدا قالغان ۋە چەت بىر جاي ئەمەس، بەزى بالىلار جىنسىي جەھەتتە ئىنتايىن نادان، ھەتتا «ئۆزىنىڭ تورغا چۈشۈشى» كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ، جىنسىي تەربىيە ۋە جىنسىي زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەسلىدە، بىلىش بىر ئىش، ئەمما ئۇنى قىلىش يەنە باشقا بىر ئىش بولماسلىقى كېرەك. ئالاقىدار تەربىيەنى ھامان «ئەتىگە قالدۇرۇش»قا بولمايدۇ، چۈنكى، پەسكەشلەر ۋە نومۇسسىزلار «ئەتىگە قالدۇرۇش»نى بىلمەيدۇ. يەنە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆگىتىش-ئۆگەتمەسلىكىمۇ بىر مەسىلە. ئۇلار يا بولمىسا بۇ ھەقتە، يەنى «سېرىق يۇمۇرلار»نى كۆرسە زىيانلىق ئىكەنلىك ھەققىدە بالىلارغا گەپ قىلىپ تەربىيە ئىشلەشنى "ئېغىز ئېچىش تەس بولغان بىر نومۇس قىلىدىغان ئىش" دەپ قاراپ، تەربىيەدىن ۋاز كېچىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ ئاتا-ئانىلار بۇنداق تەربىيە سۆزلىرىنى ھاماقەت بالىلارغا قانداق دەيدۇ؟ مائارىپ ئىشلىرىغا يەنىلا مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شۇڭا، «لايىھە»نى تۈزۈپ، دەرسلىك تۈزۈشكە تەشكىللەپ، كۈچلەرنى تەربىيىلەشكە يىغىپ ئورتاق كۈچ چىقارغاندىلا، ئاندىن ئۇنى مەكتەپتە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. جىنسىيەت ئىشىدا ھەرگىزمۇ بالىلار «ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدۇ» دەپ قارىماسلىق كېرەك، بۇ نۇرغۇنلىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بولغان جىنسىي تەربىيە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى سۆيۈشىنى ئۆگىتىپ، بالىلارغا ئۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ئاتا قىلىپ، بەزى تراگېدىيەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلايدۇ. دەرۋەقە، بۇنداق «ئىلگىرى جازالانغانلار»نى ئالاقىدار قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ ساھەسىگە كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئوخشاشلا زۆرۈر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ