مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى چىقىرىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2019.07.16 09:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى چىقىرىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، قانۇن چىقىرىش پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، يېڭى دەۋر تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى تۈزۈپ، جانلىقلار تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ چېكىنى قانۇن ئارقىلىق ئايرىپ، جانلىقلار تېخنىكىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىش لازىم.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: بىر تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلاش - پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر چوڭ پىرىنسىپى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جانلىقلار بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە جىددىيلىكىنى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تولۇق تونۇپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق جانلىقلار بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ئۇللۇق تۈزۈم-پىرىنسىپلارنى بېكىتىپ، خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى قانۇن قورالى ئارقىلىق قوغداپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى تۈزۈشكە ئالاقىدار تەكلىپلەرنى سۇنۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسى ۋە ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليۇرۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپىگە ئەستايىدىل جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاپ، قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، مەزمۇنى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلىك، ئۇللۇق، سسىتېمىلىق، ئۇنىۋېرسال، باشلامچى جانلىقلار بىخەتەرلىكى نېگىزلىك قانۇنى تۈزۈش؛ مۇكەممەل قانۇن-تۈزۈم ئورنىتىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى چىقىرىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پائالىيەتلەرنى ساغلام، تەڭكەش، تەرتىپلىك تۈزۈم سىستېما ئاستىدا يۈرگۈزۈش؛ قاتتىق قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئارقىلىق، ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، قانۇننىڭ مەشغۇلاتچانلىقى ۋە يولغا قويۇلۇشچانلىقىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ