مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2019.07.12 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن نۇر گېزىتخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاقىللار ئامبىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى نەچچە ئون مۇتەخەسسىس، ئالىم شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى بىلەن نەزەرىيە سىستېمىسى، پەلسەپە ئاساسى بىلەن مەدەنىيەت كېلىپ چىقىشى، دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنياۋى ئەھمىيىتى قاتارلىق تېمىلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۇڭ تاۋ، نۇر گېزىتخانىسىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ جېڭ، جۇڭگو خەلق داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جىن نو، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۈنرۇ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى شېنمىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ خۇڭجۈن ئايرىم – ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى.

  سۇڭ تاۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىسى، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدىكى تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، بىرىنچىدىن مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ باش لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، «جۇڭگو بىلەن دۇنيا قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا بۇ خىل مۇناسىۋەتنى قانداق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن باش تېمىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك تاشقى ئىشلار خىزمىتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئاچقۇچ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ