ئۇلۇغ بۇرۇلۇش قانداق يۈز بەردى − زۇنيى يىغىنى نەق مەيدانىغا قايتىپ كېلىش

2019.07.15 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: زۇنيى يىغىنىنىڭ يىغىن زالى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  84 يىل ئىلگىرى، شىمالىي گۇيجۇنىڭ مۇھىم شەھىرى زۇنيىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك تاللاش ئېلىپ باردى، جۇڭگو ئىنقىلابى «پەسكوي»دىن قەدەممۇ قەدەم غەلىبىگە قاراپ مېڭىشتەك ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى ھارپىسىدا، مۇخبىر ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىپ، زۇنيى يىغىنى ئېچىلغان جايغا كېلىپ، كەلگەن يولنى ئەسلەپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەشنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئىزدىدى.

  ئېتىقاد كەڭ زېمىنغا سىڭدۈرۈلدى

  زۇنيى شەھىرىنىڭ زىيىن يولىدىكى گۇيجۇلۇق كونا مىلىتارىستنىڭ بەي خۇيجاڭ قەسىرىدە، ئىككى قەۋەتلىك كۆك كاھىشلىق كىچىك بىنانىڭ تاملىرى ئېگىز، ئىشىكلىرى قېلىن ئىدى. 1935-يىلى 1- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇ يەردە «پارتىيەنى، قىزىل ئارمىيەنى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالغان» زۇنيى يىغىنىنى چاقىردى.

  بەي خۇيجاڭ قەسىرىنى ئەينى چاغدىكى زۇنيى شەھىرىدە بىلمەيدىغانلار يوق ئىدى، بىراق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بۇ بىنا ۋە بۇ يىغىن زالىنى جەزملەشتۈرۈش خېلى قىيىنغا توختىدى. زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شياۋلىڭ مۇنداق دېدى: يىغىن ئىنتايىن مەخپىي چاقىرىلدى، زۇنيىلىقلار ئىچىدە ئەھۋالدىن خەۋەردار ئادەم يوق ئىدى، شۇ جايدىكىلەر خاتا ھالدا قىزىل ئارمىيە شۇ يىلى ئاممىۋى قۇرۇلتاي ئاچقان كاتولىك دىنى چېركاۋىنى زۇنيى يىغىنى ئېچىلغان جاي، دەپ قارىغان ئىدى.

  يىغىن ئېچىلغان ئۆينى بېكىتىش تېخىمۇ ئەگرى-توقاي بولۇپ كەتتى. 1935-يىلى قىزىل ئارمىيە زۇنيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بەي خۇيجاڭ جەمەتىنىڭ بىر تۇغقىنى سەل بۇرۇن قەسىرىگە كىرگەن. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە: «يان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئېغىز ئۆيدە ئۈستەل- ئورۇندۇقلارنىڭ تىزىلىشىدىن يىغىن ئېچىلغاندەك ھالەتتە ئىدى، تامدا يەنە بىر ساقاللىق چەت ئەللىكنىڭ رەسىمى بار ئىدى».

  نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش ئارقىلىق، زۇنيى يىغىنى ئېچىلغان جاي ۋە يىغىن زالى ئاخىرقى ھېسابتا بېكىتىلدى. تامدىكى ھېلىقى چوڭ ساقاللىق چەت ئەللىكلەرنىڭ رەسىمى دەل ماركسنىڭ رەسىمى ئىدى. ماركىسنىڭ بۇ رەسىمىنى كىمنىڭ نەدىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھازىر بىلگىلى بولمايدۇ. بەلكىم، بۇ رەسىم قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جياڭشىدىن ئېلىپ كېلىنىپ، بەشىنچى قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش، شياڭجياڭ ئۇرۇشى، لىپىڭ يىغىنىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ۋۇجياڭ تەبىئىي توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، زۇنيى شەھىرىگە كېلىپ، يىغىن مەيدانىغا چاپلانغان بولۇشى مۇمكىن.

  بوران-چاپقۇنلۇق، ئەگرى- توقايلىق، مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەلبىدە ئۇيۇل تاشتەك چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

  1935-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، ھاۋا چوقۇم ناھايىتى سوغۇق بولغان، چۈنكى يىغىن ئۈستىلى ئاستىغا بىر چوغدان قويۇپ قويۇلغان ئىدى. ئۆي سىرتى قەھرىتان سوغۇق، ئۆي ئىچى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى 1-تەتقىقات بۆلۈمى تۈزگەن «قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر تارىخى»دا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «يىغىن جەمئىي ئۈچ كۈن ئېچىلدى، كەيپىيات جىددىي ۋە كەسكىن بولدى، سۆز قىلغاندىكى ئاۋاز ناھايىتى يۇقىرى بولدى، ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئېچىلىپ، ئاندىن يىغىن توختىتىپ تۇرۇلدى».

  ئۆتكەنكى دەرد-ئەلەملەرنى ئەسلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا پىشىپ يېتىلدى.

  يىغىندا «يولداش ماۋ زېدۇڭنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاش» قاتارلىق مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى، ئەمەلىيەتتە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەندى. «دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار»دا زۇنيى يىغىنىغا يۇقىرى باھا بېرىلىپ، «پارتىيە تارىخىدا ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ ئاتالدى.

  جاڭ شياۋلىڭ: «شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو ئىنقىلابى جۇڭگونىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدىغان كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى»، دېدى.

  «ئەگەر دوگمىچىلىق داۋاملىق شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىنسە، قانداق نەتىجە بولاتتى؟ يىغىندىن بۇرۇنقى شياڭجياڭ ئۇرۇشى بىلەن يىغىندىن كېيىنكى چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش ئەڭ ياخشى سېلىشتۇرما ھېسابلىنىدۇ». زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسى فېي كەنرۇ: شۇ چاغدىن باشلاپ، پارتىيەمىز مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ