تاشقى سودا تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش بېكىتىلدى؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىنىپ، بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاش قارار قىلىندى؛ مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا، تاشقى سودا تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش بېكىتىلدى؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىنىپ، بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاش قارار قىلىندى؛ مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى − سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يىغىندا تاشقى سودىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى. بىرىنچى، مالىيە- باج سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىمپورت تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج قايتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش تەتقىق قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۇغۇرتا ھەققىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەخسۇس سۇغۇرتا تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تاشقى سودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك. شارائىت يارىتىپ، خەلق پۇلىنىڭ راسچوت قىلىش قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىدا باجدىن خالىي رېمونت قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىمپورت سودىسى ئۈلگە رايونىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، سودىنىڭ قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كىنىشكىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش، پورت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كارخانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئاساسەن، سىياسەت زاپىسىنى كۈچەيتىپ ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە يولغا قويۇپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ