مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ: پۈتۈن يىلدا 2 تىرىليون يۈەن باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك

2019.07.17 16:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەن جېڭ قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17– ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7– ئاينىڭ 15– كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

  يىغىندا، ليۇ يۈەنچۈن، لى شۈنلېي، ۋۇ فا قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە شۈگۇڭ گۇرۇھى، جېجياڭ تەيلۇڭ بانكىسى، مېيتۇەن تورى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ زور ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭدا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى مۇھىم تايانچ بولۇپ، باجنى تۆۋەنلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش كارخانىلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى مۇستەھكەملىدى، «ئالاقە تورى +» ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىستېمالنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ ماكرو سىياسەتنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆپچىلىك يەنە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش جەريانىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا تەكلىپ بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا يولغا قويۇلغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باجنى تۆۋەنلىتىپ، ھەقنى كېمەيتىش، نىشانلىق تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر تاشقى خىرىس، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىدى. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى، مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقتىدا ئالدىن، مىكرو تەڭشەپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش قورالىنى ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. پۈتۈن يىلدا 2 تىرىليون يۈەن باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. پۇل سىياسىتىنى يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ئالىي تېخنىكومغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ماسلىشىپ، ئالاقىدار ئىجتىمائىي كاپالەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ