مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر-بىرىگە ئىتتىرىشىدىغان، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان كېرەكسىز ئەمەلدارلاردىن بولمايلى

2019.07.17 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى جايلاردا كادىرلار ئىستىلى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بىر-بىرىگە ئىتتىرىشىش، قۇرۇق تالاش- تارتىش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاممىنى ھەممىدىن بەك يىرگەندۈرگەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بىر-بىرىگە ئىتتىرىشىپ، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىدىغان، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان بىيۇروكراتلىق جاھىللىق كېسىلى جاھىللىق ۋە قايتىلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى چوقۇم پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش كېرەك.

  ئەگەر بىر-بىرىگە ئىتتىرىشكەنلەرنىڭ رەسىمىنى سىزسا، ئۇلار دەل توپ تېپىشىۋاتقانلارغا ئوخشايدۇ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە پاسسىپ تاقابىل تۇرىدۇ، پوزىتسىيەسى سوغۇق، ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتىدۇ، «بۇ ئىشنى بىز باشقۇرمايمىز» دېگەن ئادەت سۆزىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە مەسئۇل بولۇشنى خالىمايدۇ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقىدۇ؛ خۇددى «تىكتاك توپ ئويناش»قا ئوخشاش ئىتتىرىپ يۈرىدۇ، مەسىلىگە يولۇققاندا يۇقىرىغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تۆۋەنگە چۈرۈشۈپ، مەسىلە كۆرۈلسە ئاساسىي قاتلامنى ئەيىبلەپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۆۋەنگە ئارتىپ قويۇشقا ئايلاندۇرىدۇ؛ قول تىقىشتىن قورقۇپ، «ئۆزىنى قاچۇرۇش»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «ئىتتىرىش»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، زىددىيەتكە يولۇققاندا ئايلىنىپ ماڭىدۇ، قول كۆيدۈرىدىغان ئىشنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، قارار چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالماي، قاتلاممۇ قاتلام يوليورۇق سوراپ، قاتلاممۇ قاتلام چەمبىرەك سىزىدۇ.

  بىر-بىرىگە ئىتتىرىشكەنلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئاسان، تۈزەش تەس، بۇنىڭ مەنبەسى شۇكى، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئالغا ئىنتىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ، كېرەكسىز بولۇشقا رازى بولىدۇ، ھازىرقى ھالەتكە شۈكۈر قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئويلىماي، ئەمەلدارلىق ئورنىدا خاتىرجەم ئولتۇرۇشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ، «مائاش» تىن بەخىرامان بەھرىمەن بولۇشنى ئويلايدۇ، ئەمما تۆھپە قوشۇشنى خالىمايدۇ، كۆرۈنۈشتە دۇنيا بىلەن تالاش- تارتىش قىلمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆڭلىدە شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان مەنپەئەتپەرەسلەردۇر. ئۇلار «قىلغان ئىش قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ چىشىغا تىگپ قويىمىز، خەۋپ-خەتەر شۇنچە كۆپ بولىدۇ» دېگەنگە ئىشىنىدۇ، «ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ، لېكىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەيدۇ» دېگەن گەپ بويىچە ئىش كۆرىدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن «تىنچ ئەمەلدار» بولۇشنى، كۈن ئۆتكۈزۈشنى، يىل ئۆتكۈزۈشنى، «يۇمشاق ئاخىرلاشتۇرۇش»نى ئويلايدۇ، پەقەت ئامان-ئېسەن بولۇشنى ئويلاپ، تۆھپە قوشۇشنى ئويلىمايدۇ. بۇ خىل ئالغا ئىنتىلمەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن خىزمەت قىلغاندا، مۇقەررەر ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن، خەۋپ- خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن قورقىدۇ، بىرەر ئىشقا يولۇقسىلا ئىتتىرىشىدۇ، ئۆزىنى چەتكە ئالغىلى بولسىلا چەتكە ئالىدۇ.

  «بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىدىغان، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان كېرەكسىز ئەمەلدار بولماسلىق لازىم». مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى غەپلەتتىن ئويغىتىۋەتتى. كېرەكسىز ئەمەلدارلارنىڭ كېرەكسىزلىكى شۇ يەردىكى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك كەسىپچانلىق، مەسئۇلىيەتچانلىقنى يوقىتىپ قويغانلىقىدا، مەسئۇلىيەت- بۇرچنى كۆزگە ئىلماي، جەسەتكە ئوخشاش ئورۇن ئىگىلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە رازى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاممىنى قاتتىق يىرگەندۈرۈشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈشىنىلا ئويلاپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، جىددىي ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي، خەلقنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىدىغان ئورۇننى ئىگىلىۋېلىپ، كىچىك ئىشلارنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ چوڭايتىۋېتىدۇ، چوڭ ئىشلارنى سۆرەپ، پارتلاش خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق كېرەكسىز ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىش، بۇنداق كېرەكسىز سىياسەتلەردىن ئاگاھ بولۇش لازىم.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كادىرلار مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك، قانچە چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغاندىلا، شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، قانچىلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغاندىلا، شۇنچە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلاپ، ئىش قىلىشنى خالىماسلىققا بولمايدۇ، ھوقۇق تۇتۇشنىلا ئويلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئويلىماسلىققا بولمايدۇ، كۆزگە كۆرۈنۈشنىلا ئويلاپ، كۈچ چىقىرىشنى ئويلىماسلىققا بولمايدۇ». پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى ئالدىدا دادىل زىممىسىگە ئېلىش، دادىل تۆھپە قوشۇش دېگەنلىك − «قىيىنچىلىق ئالدىدا قەھرىمانلىق كۆرسىتىش»تۇر، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، زىددىيەتكە توغرا قاراپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش؛ «تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىش»، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ، بوشاشماي ئىلگىرىلەشتۇر؛ «تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يولۋاس بار تاغقا چىقىش»تۇر، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىكى تايانچقا ئايلىنىشتۇر.

  بۈگۈن بىز قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى سىناش، باھالاشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارغا يار-يۆلەك بولۇپ ئىلھام بېرىپ، ياخشىلىرىنى يۇقىرىغا چىقىرىش، چاكىنىلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ناچارلىرىنى شاللاشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەۋاتىمىز، بۇنىڭ مەقسىتى دەل توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان قىلىشتۇر.

  «ئىرادىلىكلەر ئىشنىڭ ئاسان بولۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئىشتا قىيىنچىلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ». بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھالقىلىق مەزگىلگە كەلدى. بۇ چاغدا، «بىز ھەرگىزمۇ ئالقىش سادالىرى، ماختاش سادالىرى ئىچىدە ئىنقىلابىي روھ ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى يوقىتىپ، تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى ھالەتكە قانائەت قىلىپ، ئالغا ئىنتىلمەسلىك، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالماسلىقىمىز، بەلكى كېمە ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە. دولقۇننىڭ تېخىمۇ جىددىي ئاقىدىغانلىقىنى، ئادەم تاغ يولىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە يولنىڭ تېخىمۇ تىك بولىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك». كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار «راھەت رايون»دا ھەرگىز توختاپ قالماي، «پاناھگاھ»دا راھەت سۈرمەي، ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنى ھەقىقىي تۈردە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تىرىشىپ زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ