مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھوشيار بولۇڭ! ئالتە خىل كىشىلەر راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

2019.07.16 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مۇھەررىردىن: راك كېسىلى ئىنسانلار ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى قاتىل بولۇپ قالدى. بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەتەرلىك كىشىلەر راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، ئادەتتىكى تەكشۈرۈشلەردە ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدىغان ئۇششاق ئالامەتلەرنى بايقىسا بولىدۇ. لېكىن، ھەر خىل ئاتالغۇلارنى چۈشىنىش تەس بولغان راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قارىتا، نۇرغۇن كىشىلەر قانداق تاللاشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، بۇ سان «ھاياتلىق گېزىتى»گە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس ئوقۇرمەنلەرگە يېشىپ چۈشەندۈرىدۇ.

  ئالتە خىل كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك

  جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى سۈن يىشيەن خاتىرە دوختۇرخانىسى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن چىڭيۈ

  راكقا قارشى سالامەتلىك تەكشۈرۈش بىلەن ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ، ئۇ بىر خىل تېخىمۇ كەسپىي، تېخىمۇ ئۆزگىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى. كەسپىي تېخنىكا ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تەكشۈرۈشتە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆسمىنى بايقاش، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ خەتەرلىك ئامىلىغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆسمىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان.

  دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە قارىتا، تۆۋەندىكى ئالتە خىل كىشىلەر راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:

  بىرىنچى، ئۆپكە راكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر: ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىدىغانلار، بولۇپمۇ 20 ياشتىن تۆۋەن ۋاقىتتا تاماكا چېكىشكە باشلىغانلار، تاماكا چېكىش ۋاقتى 20 يىلدىن ئاشقانلار، ھەر كۈنى 20 تالدىن كۆپ تاماكا چېكىدىغان ئۆپكە راكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر؛ ئۆپكە راكى ئېرسىيەت تارىخى بار كىشىلەر.

  ئىككىنچى، جىگەر راكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر: يېشى 40 تىن ئاشقان، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى سىرتقى يۈزىنىڭ قارشى تۇرۇشچانلىقى مۇسبەت چىققان ياكى سوزۇلما B تىپلىق، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشىش كېسەللىك تارىخى بار بىمارلار.

  ئۈچىنچى، ئاشقازان راكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى: ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان مونچاق گۆشى، ئاستا خاراكتېرلىك يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار − ئاشقازان راكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ.

  تۆتىنچى، بالىياتقۇ بوينى راكى ئېھتىماللىقى بار خەتەرلىك كىشىلەر توپى: بالدۇر توي قىلغان، كۆپ تۇغقان، جىنسىي ھەمراھلىرى كۆپ بولغان، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرىگەن، HPV مۇسبەت چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىياتقۇ بوينى راكى كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ.

  بەشىنچى، سۈت بېزى راكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى: بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىچىدە سۈت بېزى راكى، سۈت بېزى خالتىلىق ئۆسۈشكە گىرىپتار بولغان، تۇغمىغان ۋە ئېمىتمىگەنلەر سۈت بېزى راكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ.

  ئالتىنچى، بوغماق تۈز ئۈچەي راكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى: ئېرسىيەت خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي مونچاق گۆش كېسىلى جەمەت ئەزالىرى، بوغماق ئۈچەي بەز ئۆسمىسى، سوزۇلما يارا خاراكتېرلىك تۈگۈنچەك، ئۈچەي قان شورىغۇچ قۇرتى بىخلىما گۆش ئىششىقى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى بوغماق ئۈچەي راكى خەۋپى يۇقىرى بىمارلاردۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ