مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم

___ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شيې زېڭيىنى زىيارەت

2019.07.19 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى تومۇز ئىسسىق مەزگىلگە كىردى. مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى قاتارلىق ئەمگەكچىلەر پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرماقتا. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى قانداق كاپالەتلەرگە ئىگە بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ مۇخبىر جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شيې زېڭيىنى زىيارەت قىلدى.

  سوئال: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىش، ئەمگەك مۇھاپىزىتى جەھەتتە قانداق ئىلگىرىلەش بولدى؟ نۆۋەتتە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش شەرتى ۋە ئۆلچىمى قانداق؟

  جاۋاب: 2012-يىلى ئالاقىدار تارماقلار «ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى»گە تۈزىتىش كىرگۈزدى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا مەشغۇلات قىلىشتىكى ئەمگەك مۇھاپىزىتىدە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى، مەسىلەن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدىكى ئەمگەكتە چەكلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ئۆلچىمى ئېنىق بەلگىلەندى؛ ئەمگەكچىلەرنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلىنى مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن جايلار ئالاقىدار يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىش، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە تەلەپلەرنى قويدى.

  تۈزۈم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى جايلار يەنە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى جانلىق تەڭشىدى. مەسىلەن، يېقىندا شاڭخەي شەھىرى بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ يازلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ھەر ئايدا 200 يۈەندىن 300 يۈەنگە تەڭشەشنى بەلگىلىدى؛ فۇجيەن بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ يازلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ھەر ئايدا 200 يۈەندىن 260 يۈەنگە تەڭشەشنى بەلگىلىدى. يەنە مەسىلەن، تيەنجىن شەھىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى شەھەر بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق كۈنلۈك ئوتتۇرىچە مائاشى بىلەن باغلاشنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئۆستۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.

  ئەمگەكچىلەردىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلغانلىرى ئىش ئورنى ياردەم پۇلىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. «ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»گە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سىرتتا مەشغۇلات قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەت سورۇنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 33 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلەتمىگەن بولسا، ئەمگەكچىلەرگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى بېرىشى ھەمدە مائاش ئومۇمىي سوممىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  سوئال: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەگەر ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتىكى ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى ئېلىپ بارمىغان بولسا، ئەمگەكچىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟

  جاۋاب: ئەمگەكچىلەر ئەمگەك رېۋىزىيە تارمىقىغا ئۆز ۋاقتىدا ئەرز قىلسا ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى بەرمىسە، ئەمگەكچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا تەلەپ قويۇشى لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك رېۋىزىيە تارمىقىغا ئەرز قىلسا ياكى قانۇن بويىچە مۇرەسسە، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، دەۋا قىلسا بولىدۇ.

  ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى ۋە دەلىل-ئىسپات ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، يوقلىما جەدۋىلى، ھاۋارايى مەلۇماتى، خىزمەت مۇھىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق خىزمەت مۇھىتىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئۈنۈملۈك دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ