مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»قا يېتەكچىلىك قىلىش خاتىرىسى

2019.07.19 09:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتە ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىگە بېرىپ، 1-سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئالدى بىلەن «باش تېما تەربىيەسىنىڭ زۆرۈرلىكى قەيەردە» دېگەن مەسىلىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم چوڭقۇر شەرھلىگەن ئىدى. بۇ يىل 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، باش تېما تەربىيەسىدە، غايە-ئېتىقادنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا كېيىنكى 70 يىل ئۈچۈن تولۇق تەق بولۇپ قايتىدىن يولغا چىقىشنى جاكارلاش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ، ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچتىن چەتنەپ كەتسە، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، خىسلىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، خەلق ئاممىسى، كەلگۈسىدىن مەھرۇم قالىدۇ، ئەگەر ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى كۈچەيتىش جاسارىتى ۋە ئىقتىدارى يېتەرسىز بولسا، پارتىيەمىز خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، مەڭگۈ غالب ئورۇندا تۇرۇپ، ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولمايدۇ دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر، مەنزىلى يىراق، بىر دەم توختاپ تۇرايلى، بىر دەم ئارام ئېلىۋالايلى دېگەن قاراشتا بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز ئۆزى ئۈستىدىن مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىپ كەلدى، ھازىر بىزنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىمىز-يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئېلىپ بارغان پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە ئىچىدىكى مۇشۇنداق مەركەزلىك تەربىيەنى بۇندىن كېيىنمۇ دائىم ئېلىپ بارىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبىئىي بايلىق نازارىتىدە مۇنداق دېدى: شەكىلۋازلىق ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ھازىر بەزى يولداشلار شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىك، خۇپسەنلىك قىلىۋاتىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا توردىن تەييار قوليازما، ئۆگىنىش خاتىرىلىرىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، بىر نۇسخىلاپلا ئۆزىنىڭ ماتېرىيالىنى تەييار قىلىۋاتىدۇ. ئۆگىنىشتە شەكىلۋازلىق قىلىشقا، نەتىجە ھاسىل قىلىشقا ئالدىراشقا بولمايدۇ، ھەر قېتىم بىر قىسىم يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ھەر قېتىم بىر قىسىم تەسىراتلارغا ئىگە بولۇپ، ھەر قېتىم بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاز-ئازدىن توپلاپ بارغاندا ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، ئۆزلەشتۈرۈشمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل گۆھەر ماكان، چوڭ يايلاق، چوڭ ئورمانلىق، چوڭ قۇملۇق، چوڭ كانلار مەركەزلەشكەن، بايلىقى مول، كۆپ خىل، نۇرغۇن بايلىقلىرىنىڭ زاپىسى مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى موڭغۇل يەنە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى. ئىچكى موڭغۇل ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشى، ئۆز مەسئۇلىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت دەپ تەكىتلىدى. ئىچكى موڭغۇل سەپىرىدە، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى يەنىلا باش شۇجىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئىشى بولدى.

  مەھەللىدە، ئۇ ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنىڭ قولاي ياكى قولاي ئەمەسلىكى، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ تولۇق تاكى تولۇق ئەمەسلىكى، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ ئورمانچىلىق مەيدانىدا، ئۇ ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن مائاش كىرىمى، بالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تۇرالغۇلارنى ياخشىلاش ئەھۋالى ھەققىدە پاراڭلاشتى؛ يېزا-كەنتلەردە، ئۇ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، پار قازانلىرىنى ئۆزگەرتىش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، پاسكىنا سۇ ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋاللىرىنى كۆردى، ئاممىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ قانداقلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى-باش شۇجىنىڭ قەلبىدە باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇلانخاد ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر دېھقانلار ھويلىسىدا يەرلىك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ھەر قايسى تەرەپلەردىن كەلگەن كادىلار ۋە ئامما باش شۇجىغا يېڭى قىياپەت، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بەس-بەستە سۆزلەپ بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ناھايىتى مەمنۇن بولدى، يۇرتداشلاردىن «يەنە قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بار؟ كەنتتە يەنە قانچە نامرات ئائىلە بار، قاچان نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ؟» دەپ توختىماي سورىدى.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇش ۋەزىپە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنە 500 نەچچە كۈچ قالدى. نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. كومپارتىيە دېگىنىنى چوقۇم قىلالايدۇ، شۇنداقلا چوقۇم قىلىدۇ.

  «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلقگە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەستايىدىل ئىش قىلايلى، پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇنۇتقان-ئۇنۇتمىغانلىقىمىزغا، شەخسىي غەرەز ياكى باشقا خىياللارنى ئارىلاشتۇرۋالغان ياكى ئارىلاشتۇرۋالمىغانلىقىمىزغا، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە باش مەقسىتىگە زىت ئىش قىلغان قىلمىغانلىقىمىزغا قاراپ باقايلى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، يەنى جۇڭگو كومپارتىيەسى چوقۇم باشتىن ئاخىرى خەلقكە بەخت يارىتىش ئۈستىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. بۇ ئىشنى ياخشى قىلغاندا جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلەيدۇ، دۆلەت ئەبەدىي ئەمىن بولىدۇ، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز قەدەم تاشلىيالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ