مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوللاش لازىم

2019.07.18 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 17-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتىشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زورايتىش؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئالاقە تورى سۇپا ئىقتىسادى − ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېڭى تەشكىلىي شەكلى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، ساھە ھالقىپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە «قوش يېڭىلىق يارىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمال بازىرىنى كېڭەيتىش، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ سۇپا ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوللاش كېرەك.

  بىرىنچى، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، «ئالاقە تورى + مۇلازىمەت كەسپى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ داۋالاش، ساغلاملىق، مائارىپ، كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىگە كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىق بايلىقى، سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلارنى توپلاشتۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەت تىپىدىكى ياسىمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھە كارخانىلىرىنىڭ نامىنى تىزىملاش چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار جايلارنىڭ ساياھەت، قونالغۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى باھالىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىجازەت شەرتى، تەستىقلاش تەرتىپى ۋە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش كېرەك. سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىشىگە، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە سۇپىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سىستېمىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق تالون جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، كەڭ قورساق بولۇش، ئېھتىياتچان بولۇش تەلىپى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىشكە پايدىلىق ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىناۋەت چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، سۇپىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىپ، تور ئالدامچىلىقى، ساختىلىق، ناچار، ناتوغرا رىقابەت، ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش ۋە كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ